كۆڭلۈم بار (ناخشا تېكىستى) - مەمەتجان سەمەت

 كۆڭلۈم بار
ناخشا تېكىستى

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت


قارا قاشلىق جانان قىز،
بولامسىزكىن ماڭا يار.
ئىشەنسىڭىز سۆزۈمگە،
مېنىڭ سىزگە كۆڭلۈم بار.

بىر كۆرۈپلا بازاردا،
قالغان ئىشقى بالادا.
قويماڭ ھەركىز ئارماندا،
مېنىڭ سىزگە كۆڭلۈم بار.

ئۈزمەي سىزدىن كۆزۈمنى،
ئۇزاق بولدى يۈرگىنى.
ئېلىپ قاچماڭ ئۆزڭىزنى،
مېنىڭ سىزگە كۆڭلۈم بار.

نېمە دىسڭىز ماقۇل دەي،
ئۇنچە مارجان ئەپ بىرەي.
ماقۇل بولۇڭ ياق دېمەي،
مېنىڭ سىزگە كۆڭلۈم بار.

سىزيوق ئۆيدە ئۆتكۈم يوق،
يەنە غەمگە چۆككۈم يوق.
باشقا قىزغا كۆڭلۈم يوق،
مېنىڭ سىزگە كۆڭلۈم بار.

ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئىشلەتسىڭىز ئاپتورنى ئىزدەڭ نامسىز قىلماڭ
     





608 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-19 10:49:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ