ئادىلنىڭ دېڭىزى
ئادىلنىڭ دېڭىزى يۈسۈپجان ئىسمايىل قارا تېكىن --شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ «دېڭىزدىكى كوچا» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇۋېتىپ… دېڭىزدىكى كوچىدا. شېئىر يېزىپ يۈرىدۇ ئادىل. يۈرىكىگە لەھەڭنىڭ. قەلىمىدىن چاققان چېقىندا. ئوت كېتىپتۇ قەلبىگە. ئالتۇن بېلىق دېگەن سەتەڭنىڭ. تال تېرەكنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ جىمجىت. پىنگۋىن، قۇلۇلە ،راك…نىڭ تىلىغا ئالدىراش تەرجىمە قىلار يۇنۇس بېلىقى يوپۇرماق ھىدى بار سۈزۈك مىسرانى. توسۇپ يۈرمە قاتناش ساقچىسى ئۇچۇپ ماڭغان كىتنىڭ يولىنى. ئۇ ئېيتماقچى شائىرغا رەھمەت، تىلەپ ئۇتۇق ھەمدە شان شەرەپ، تۇتماقچى بوپ ئىسسىق قولىنى. غەۋۋاسىلىق تونىغا ئورىنىپ مەھكەم ھۇمىر،يېتتىز، مىسترال ،تاگۇر… ئادىلنىڭ دېڭىزىدا ھەيرانۇ -ھەس زىيارەت قىپ ئۈزىشەر غۇر-غۇر. ئۇلار ئۆز شېئىرىنى بىلىشتى تامچە دېڭىزنىڭ پەيزىدىن سۈرگەندە ھوزۇر.



8 قېتىم كۆرۈلدى يۈسۈپجان ئىسمايىل قاراتېكىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-16 16:02:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ