.....ئازار بەردىڭ دىلىمغا.....
......................................
بىرىپ ۋەدە-قەسەملەر تۇرالمىدىڭ يېنىمدا ،
يالغان ئىكەن ۋەدىلەر ئازار بەردىڭ دىلىمغا .
يۈرگەن ئىدۇق بىرمەھەل شىرىن سۆيگۈ بېغىدا،
ئۇيۇن كۈرۈپ سۆيگۈنى ئازار بەردىڭ دىلىمغا.
...........................................
بىلەلمىدىڭ سۆيگۈمنى بار ۋاختىمدا قېشىڭدا ،
قەدرىمگىمۇ يەتمەستىن ئازار بەردىڭ دىلىمغا .
ئۆرتىنەتتى بۇ يۈرەك سىنىڭ سۆيگۈ ئوتۇڭدا ،
ئەقىدەمنى خار قىلىپ ئازار بەردىڭ دىلىمغا .
...........................................
سىنىڭ ئۈچۈن دائىما قىلغان ئىدىم جان پىدا ،
پايخان قىلىپ سۆيگۈمنى ئازار بەردىڭ دىلىمغا .
پاك سۆيگۈنى ئارزۇلاپ قىلغان ئىدىم كۆپ نىدا،
بىرەلمەستىن پاك كۈڭۈل ئازار بەردىڭ دىلىمغا .
.............................................
ئۆرتەندى ئاھ يۈرەگىم ئازاپ-ئۇقۇبەت ھىجراندا،
ساق يۈرەكنى يارا قىلىپ ئازار بەردىڭ دىلىمغا .
تەقدىم قىلىپ بارلىقىم قالدىم ھەسرەت داغلاردا،
ساختا سۈيۈپ سەن مىنى ئازار بەردىڭ دىلىمغا.
.............................................
يوقتۇر بىلسەڭ ئالداشلار مەن ئاشىقنىڭ قېنىدا ،
ئەپسۇس مىنى ئالداپسەن ئازار بەردىڭ دىلىمغا .
سەندەك ساختا تېپىلماس پۈتۈن دۇنيا ئىقلىمدا ،
چىن ۋەدىنى ئۇنتۇپسەن ئازار بەردىڭ دىلىمغا .
.............................................
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن ....!
كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280...!!
2016 - يىلى9 - ئاينىڭ 21-كۈنى ......!!!
خوتەن.......!!!!!!!
| 30 قېتىم كۆرۈلدى | hasanjanuqk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-25 3:27:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|