ئوقۇ!
رەھمىتۇللا تۇرسۇن
ئوقۇ دىسە بۇيۇن تولغىماي،
پۇتۇڭ تايغان جايدا ئوينىماي.
تۇتامى يوق ئىشنى ئويلىماي،
ئىلىم ئىزدە،ئۈگەنگىن ئوقۇ!
شۆھرەت تېپىپ ئۆسمەكچى بولساڭ،
خۇشال-خۇرام ئۆتمەكچى بولساڭ.
ئىز قالدۇرۇپ كەتمەكچى بولساڭ،
ئىلىم ئىزدە،ئۈگەنگىن ئوقۇ!
غايەپۈككەن بولساڭ قەلبىڭگە،
كۆڭۆل بۆلسەڭ ئەگەر قەدرىڭگە.
ئېرىشمەكچى بولساڭ قىممەتكە،
ئىلىم ئىزدە،ئۈگەنگىن ئوقۇ!
يۇرۇق قىلار يۈزۈڭنى ئىلىم،
نۇرلۇق قىلار كزۇڭنى ئىلىم.
ئۆتكۈر قىلار سۆزۇڭنى ئىلىم،
ئىلم ئىزدە،ئۇگەنگىن ئوقۇ!
چىقالايسەن ھەتتا ئايغىمۇ،
خۇجايىنسەن كاتتا بايغىمۇ.
بۇي سۇنىدۇ مۇشكۇل داۋانمۇ،
ئىلىم ئىزدە،ئۈگەنگىن ئوقۇ!
قۇرۇق تاغارئۆرە تۇرمايدۇ،
بىلىم ئالغان كىشى سۇلمايدۇ.
يات ئەلدىمۇ غېرىپ بولمايدۇ،
ئىلىم ئىزدە ئۇگەنگىن ئوقۇ!
نادان بىلەن دانا تەڭ ئەمەس،
نادان كىشى مىسالى بىر مەس.
بىلىمسىزنى باسار دائىم نەس،
ئىلىم ئىزدە ئۇگەنگىن ئوقۇ!
بىلىمسىزنى ئىزدەيدۇ كۈلپەت،
ئۆتەر كۇنى چىكىپ دەت-ھەسرەت.
تىنىدە ھەم يوق ماغدۇر،غەيرەت،
ئىلىم ئىزدە ئۇگەنگىن ئوقۇ!
بىلىم بىلەن چىقىسەن تۆرگە،
كىرسەڭ ئەگەر ھەرقانداق ئۆيگە.
ئۈلگە بۇلۇپ ياشايسەن ئەلگە،
ئىلىم ئىزدە ئۇگەنگىن ئوقۇ!
ئۈندىدار:13699976214
124 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-5 17:38:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|