يېڭى يىل
رازىگۈل سالى «قومۇل»
يېڭى يىل يېڭىچە يىتىپ كىلىسەن،
كۆمۈشرەڭ يېپىنچا كىيىپ كىلىسەن،
ئاق قارنى زىمىنغا سىپىپ كىلىسەن،
يېڭىچە نۇر،جۇلا بېرىپ كىلىسەن،
يېڭى يىل كەلدى دەپ كۈلۈپ كىتىسەن،
مەدھىيە،قۇتلارغا تولۇپ كىتىسەن.
ھەر بىر دىل زارىقىپ كۈتۈپ كىتىسەن،
بىر مەزگىل تۇيغۇ بۇ ئۆتۈپ كىتىسەن،
ئارماننى يېڭى يىل باغرىغا ئاتاپ.
بوغۇلدى ھېسابات كونا يىل ئۈچۈن.
قالغاچقا ئارخىپتا ئۆتمۈشتىن سۇئال،
تۇغۇلدى مۈشكۈلات يارا دىل ئۈچۈن.
ئۆتكۈنچى دەۋر بۇ بىلىپ قالىسەن،
رىسقىڭ گەر تۈگىسە كىتىپ قالىسەن،
ياشايمىز تىرىكلەر ئۆلگەنگە يىغلاپ،
شۇ چاغدا قەدرىگە يىتىپ قالىسەن.
يېڭى يىل ھاياتنىڭ يېڭى داۋامى،
كونا يىل ئۆتمۈشۈڭ، تارىخقا ھېساپ.
بوغمىسۇن يېڭى يىل ھېساپ قەرزىگە،
قىلدۇرۇپ ئارماندا،ھەسرەتلىك خىتاپ.
كونا يىل قالدۇرغان ئېغىر جاراھەت،
ساقايماي ماڭماقچى يېڭى يىل سايان.
دوسلىرىم دىلىمغا بەرگىن تەسەللى،
سۈرتۈپ قوي يېشىمنى،قىلدۇرماي بايان.
ئارمان بار شۇندىمۇ تىلەكلىرىمدە،
غەيرەت زور مۇشتۇمدەك يۈرەكلىرىمدە،
ياشايمەن ئۈمىتنى ئەتىگە ئۇلاپ،
قۇچاقلاي يېڭى يىل بىلەكلىرىمدە.
يېڭى يىل مۇبارەك قەدەملىرىڭگە،
قۇت،ئامەت تىلەيمەن ئەلەملىرىمدە.
ۋۇجۇدۇم تولسىمۇ،قايغۇ، ھەسرەتكە،
قۇتلۇقلاي يەنىلا قەلەملىرىمدە.
2016-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچ،يېزىلدى
58 قېتىم كۆرۈلدى | razigul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-1-1 2:04:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|