ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ

ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ

 

( ياسىنجان سەلەيئاخۇن )

 

 ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،

 ئۇنىڭدا كۆپ ھىجران داغلىرى .

 ئىچىلماستىن غۇنچە-چىچەكلەر ،

 خازان بولغان سۆيگۈ باغلىرى .

 

 ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،

 ئۇنىڭدا كۆپ ئازاپنىڭ دىغى .

 ئۆچكىنى يوق ۋاپاسىزلارنىڭ ،

 خەنجەر ئۇرۇپ قالدۇرغان ئىزى .

 

 ئۆتمۈشۇمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،

ئۇنىڭدا كۆپ پۇشايمان ئۇھلار ،

 بولدى قىلغىن قىينىما مىنى ،

 سەپكەن كەبى يارامغا تۇزلار .

 

 ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،

 ئۇنىڭدا كۆپ قىسمەت زارلىرى .

 ئىچ ئاغرىتماي قاخشاشلىرىمغا ،

 سۆيگۈمنى خار ئەتكەن چاغلىرى .

 

 ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،

 ئۇنىڭدا كۆپ ھەسرىتىم چەككەن .

 ھالاك بولۇپ كىتەرسەن بەلكىم ،

 دەريا كەبى يىشىمغا تۆككەن .

 

 ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،

 ئۇنىڭدا كۆپ قان ئاققان دىللار .

 دۈشمەنلىرىم ئەمەستۇر بەلكى ،

 چىن دوسلۇرۇم قاناتقان ئىزلار .

 

ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،

 ئۇنىڭدا كۆپ دەرتلىرىم تولغان .

سۆيسەڭ بۈگۈن ئەتەمنى سۆيگىن ،

 چۈنكى ئۆتمۈش ئۇنتۇلۇپ بولغان .

 

 ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،

ئۇنىڭدا كۆپ ئەسلىمە ماڭا .

 سەن ئەتەمنى كۈتەلىسەڭلا ،

 كەلگۈسۈم ئۇ پايانداز ساڭا .

 

 2015 . 8 . 24

ياسىنجان سەلەيئاخۇن كۈنەس ناھىيە





264 قېتىم كۆرۈلدى 18699977794 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-24 18:07:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-29 14:24:37 گۇلۇم
قېرىندىشىم قولىڭغا دەرت بەرمىسۇن قەلەم تۇلپارىڭ ھارمىسۇن تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى روياتقا چىقىرىشىڭغا تىلەكداشمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ