بۇ مىنىڭ يۇرتۇم
ئەكبەر ئەركىن
بۇ دىياردىن چىققان نۇرغۇن ئىجاد چولپانى،
ئا.ئۆتكۈر ، ل.مۇتەللىپ شېئىر سۇلتانى.
سۈيى ئەلۋەك،تۇپرىقى مۇنبەت گۈزەل دىيارىم،
ئىسمى شىنجاڭ نامى ئۆچمەس تارىخ داستانى.
مىراس قالغان ناخشا،چاقچاق ،ئۇسۇل،جانبازلىق،
كۆمۈر،نېفىت ھەم تەبىئىي گاز ئۈزۈلمەس بايلىق.
كۆپ مىللەتلىك ماكان مەدەنيەتلەر توپلانغان،
ئىسمى شىنجاڭ ئاسىيادىكى ئۆچمەس مەرۋايىت.
بۇ جاي بۈيۈك شەرىق-غەرىبنى چاتقۇچى كۆرۈك،
تەڭرىتېغى كۆز يەتكۈسىز ئاسمانغا تۈرۈك.
تومۇز ئىسسىق زىمىستان قىش تۆت پەسىل ئايرىم،
ئىسمى شىنجاڭ ئەۋىج ئالغان ئىناقلىق ئۆملۈك .
بۇ دىياردا گىلەم،ئەتلەس دۇر تاۋار شاھى،
ھەممىگە داڭلىق سۈپەتلىك قاشتېشى ماكانى.
بۇ زىمىنغا بەخىشەندە پاكلىق ھەم خىسلەت،
ئىسمى شىنجاڭ باي زىمىن كارۋان ماكانى.
يۈسۈپ بوۋام بۇ زىمىنغا چاچقان قۇتبىلىگ،
سادىر بوۋامدىن ئۇدۇن قالغان قەيسەرلىك.
ئۇزۇن تارىخ ئۆرۈپ ئادەت قىلغايكەن داۋام،
رەڭدار شىنجاڭ ئانا يۇرتۇم بەكمۇ خىسلەتلىك.
ئۈمۈدۈم شۇ يوقالسۇن مەزھەپ يۇرتۋازلىق،
بىر-بىرگە ئورا كولاش، ھەسەت باز-بازلىق.
گۈلشەنى تۈس ئالسۇن ئۆملۈك رەيھانى،
ئىناق شىنجاڭ ئانا ماكانىم ھەممىدىن ئىللىق.
2016-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى
داخىيەنزە
29 قېتىم كۆرۈلدى | ئەكبەر ئەركىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-7-28 0:39:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|