ئۆچمەس داغ - مېھىرنىسا قۇربان

ئۆچمەس داغ

مېھىرنىسا قۇربان

يۈرۈگۈمگە سالدىڭ ئۆچمەس داغ،
يۈرۈگۈمدىن مەڭگۈ يۈتمەس داغ.
ھەسرەت بىلەن قىينالدى جېنىم،
ئەمەسمىدى كۆڭلۈم گۈزەل باغ.

قىلدى بۇ داغ يۈرەكنى لەختە،
كۈنلەر ئۆتەر ھەجەپمۇ تەستە.
يۈرۈگۈمگە سىرغىدى يىشىم،
ئاچچىق ئەلەم ئازاپتا دەرتتە.

يۇيۇش ئۈچۈن ئىزلىدىم ئامال،
قىپتۇ بۇ داغ بەختىمنى قامال.
قىلار يۈرەك ئاچچىق بىر نالە،
كەچكۈزدىكى دەرەختەك قاخشال.

يۈزۈم كۈلەر يۈرۈگۈم كۈلمەس،
دەپ قالدىڭمۇ يۈرەكنى ئۆلمەس.
بەردىڭ ماڭا ئاچچىق بىر ساۋاق،
سېنى ئەمدى بۇ يۈرەك سۆيمەس.

يۈرەكتە داغ كېتەي مەن يىراق،
ئۆلسەممۇ گەر كۆيمەسمەن بىراق.
قالدى يۈرەك داغدا تۇنجۇقۇپ،
ئۆلدى ھەممە يۈرەكتە پىراق.

2016-11-14 غۇلجا شەھىرى
     





46 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-14 13:30:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ