دۇنيادا ھەممىدىن ئەرزېنى خوتۇن (شېئىر)
دىلنۇر
جاھاندا ھەممىدىن نىمە ئەرزان دەپ ،
سورىساڭ جاۋابىم خوتۇندۇر خوتۇن !!
نە سەۋەپ سورىما مەندىن ياندۇرۇپ ،
ئاۋالكى قەلەمنى تەييارلا ئەپلەپ .
تويلۇق دەپ بەرگىنىڭ بەلكىم 30مىڭ ،
ۋەياكى 40-50، 60-70مىڭ ،
ئۆزەڭچە جىق كەتتى دەپ ئويلاپمۇ قالدىڭ ،
بىلسەڭدى شۇ پۇلغا ئۆمۈرلۈك مالاينى ئالدىڭ !!!!
ئۆيۈڭگە كىرگەن شۇ كۈنىدىن باشلاپ ،
بالام ھەم كالام دەپ ئۆتۈدۇ خوتۇن .
ئۆيۈم دەپ گاھىدا بارچىنى تاشلاپ ،
قالمىسا ئوچاقتا ،بولاركەن ئوتۇن .
سەن بەلكى ئويلايسەن مەجبۇرىيەت بۇ ،
بولمىسا نىمە دەپ ئالىدۇ خوتۇن ؟!
بەلكى راست دېگىنىڭ ،ئۇنۇتما ئەمما ،
سەندەكلا ئىنسان ئۇ ،تۆمۈرمەس خوتۇن !!!
دۇنيادا ھەممىدىن ئەرزىنى خوتۇن !
پۇتۇڭغا پۇت بولۇپ ئۆتۈدۇ خوتۇن !
ئايىغىن ئاسرىغىن ھالىغا ھەم يەت ،
بىلسەڭدى ئەسلىدە ،بولماق تەس خوتۇن !!!!!!!
دىلنۇر يازمىسى 👠
| 87 قېتىم كۆرۈلدى | NAZUK | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-13 9:38:13 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|