زەر بۇلاق

زەر بۇلاق

 

(ئابدۇراخمان ئابدۇللا)

 

 كۆزۈڭدىن بىر سۆيگۈ ئاقار كۆزۈمگە،

دولقۇنۇڭ ئىمكانسىز گۇۋاھ سۆزۈمگە.

 شېۋىرلاپ تۇرىسەن قەدىم سۆيگۈنى،

 بۇلدۇقلاپ قىرغاققا، تېشىپ ئۆزۈڭگە.

 

 ئەۋلىيا دۇئاسى سىڭگەن سۈيۈڭدە،

 ناتونۇش مېھماننى باشلاپ ئۆيۈڭگە.

 چاڭقىغان قۇملۇقنى ياشارتقىنىڭ راسىت،

 ئېرىتىپ تارىخنى مۇڭلۇق كۈيۈڭدە.

 

كۆرىمەن ئۆزۈمنى ياشلىق كۆزۈڭدە،

ھىدلايمەن ھىدىڭنى تالا-تۈزۈڭدە.

كۈندەشلىك قىلىدۇ مىڭلاپ جانىۋار،

 سېنىڭ شاد كۈلكەڭنى كۆرۈپ يۈزۈمدە……





218 قېتىم كۆرۈلدى xahturk ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-11 18:03:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ