ۋاپاسىز (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

 ۋاپاسىز 

مەمەتجان سەمەت


شۇنچە كۆيسەم كۆيگۈنىمنى بىلمىدىڭ،
سەن باغرىتاش كۆڭلى قارا  ۋاپاسىز.
يۈز ئۆرۈپسەن بۇ قەدرىمگە يەتمىدىڭ،
كۆڭۈل بىرىپ سەن باشقىغا ۋاپاسىز.

قارا  نىيەت  قوللىرىڭنى  ئۇزۇتۇپ،
پەرىشتىدەك سەن ئۆزۈڭنى تونۇتۇپ.
غەمسىز ئۆتكەن كۈنلىرىمنى يوقۇتۇپ،
ئازاپ سالدىڭ سەن دىلىمغا ۋاپاسىز.

چىن سۆيگۈمنى ئەقىدەمنى خارقىلىپ،
مەندىن كېچىپ باشقىلارنى يارقىلىپ
تاشلاپ كەتتىڭ يۈرۈگۈمنى داغ قىلىپ،
باسماي مېنى سەن باغرىڭغا ۋاپاسىز.  

مۇھەببەتنىڭ چۆللىرىدە نىشانسىز،
قالدىم سېنىڭ دەرتلىرىڭدە ئامالسىز.
ئەجەپ بولدۇم مەن ئالدىڭدا قەدىرسىز،
يەتمەي مېنىڭ سەن ھالىمغا ۋاپاسىز.

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
     





283 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-9 23:17:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-10 7:01:09 قۇرباننىسا ياسىن
مەمەتچان سەمەت دوستۇم سىزگە ئ‍ۇتۇق يار بولسۇن ، شېرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ