رەنجىمە
كەتمەنباي
دۇنيا ئۆزى ئاق قەغەز ئىكەن،
ھەر خىل رەڭدە بىز بويايدىغان.
نەتجسنى كۆرەر مەيداندا،
ھىچكم ئامان ھەم قالمايدىغان.
رەھىمسىزكەن دۇنيانى دىمە،
رەھىمسزدۇر ئىنسانلار ئەسلى.
ياخشلقلار ياغسا قار كەبى،
قىشلارمۇ ھەم بولار ياز پەسلى.
موھەببەتتە گۇزەلدۇر ئالەم،
چىن موھەببەت تۇگەپتۇ دىمە.
ئۆزۇڭ بەرمەي چىن موھەببەتنى،
بۇ ۋاپاسز دۇنيا دەپ يۇرمە.
نىمە قىلساڭ ياندۇرار ئالەم،
قىلغان ئەملىم جاۋابى دىگىن.
ھەمراھ بولسۇن بىزلەرگە سەبىر،
يولباشچدۇر كىتاپلار بىلگىن.
رىسق سىنى تاشلسا چۆلگە،
ئىگەم نسپ قىلپتۇ دىگىن.
چۆلنى بوستان قىلش نىيەتتە،
توختاۋۇسىز تىرشىپ يۇرگىن.
يامان كۇندە تاشلسا دوسلار،
بۇمۇ ماڭا سېناق دەپ بىلگىن.
سەبىر قىلپ قىين كۇنلەردە،
ھەق ئىگەڭدىن ئاسانلق تىلگىن.
11-ئاينڭ 11-كۇنى
120 قېتىم كۆرۈلدى | katmanbay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-12 9:58:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|