ساۋىدى يۈرەكنى ئ‍ازاپ قامچىسى - رىزۋانگۈل (مودەن )

ساۋىدى يۈرەكنى ئ‍ازاپ قامچىسى

رىزۋانگۈل (مودەن )

لېغىلدار كۆزۈمدە ھەسرەت تامچىسى،
ئ‍ەپسۇسكى سۆزلەشكە يەتمىدى تاقەت.
ساۋىدى يۈرەكنى ئ‍ازاپ قامچىسى،
سۈكۈتتە چىشلىدىم لېۋىمنى پەقەت.
............
بۇ دىلىم ئ‍اغرىدى سىنىڭدىن دېدى ،
دىمىدى ئ‍اغرىدى سېنىڭمۇ دىلىڭ.
قەلىبىمنىڭ سىرىنى قېنى كىم بىلدى؟،
ئ‍ازارلار بىرىشكە كەلدىغۇ تىلىڭ
............
سۆيگۈمىز شۇنچىلىك ئ‍اجىزمۇ ياكى،
گۈلمۇ ئ‍ۇ؟كەچ كۈزدە تۈكۈلگەن غۇنچە.
بىلسەڭ گەر قەلبمدە بىر ئ‍ۆزۈڭ باركى،
ئ‍ىشەنگىن يۈرەكنى تىلغىما بۇنچە!


2016-يىل 9-ئ‍ۆكتەبىر.مايتاغ
     





43 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-16 23:50:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ