شائىرلا بىلەن سۆھبەت
-ئابدۇۋارىس ئوسمان
مەن دىبادىن چىقىپ بولغۇچە ،
مىڭ شائىرغا كۆرنۇپ بوپتىمەن .
ئۆيگە كىلىپ تىلفۇننى ئاچسام ،
شېئىرسىغا كىرىپ بوپتىمەن .
دىبادا يوق پايدا تۈزەلسەڭ قايدا ،
دىگەن سوئالنى قۇيۇپتۇ شائىرلا .
مەنمۇ جاۋاپ قايتۇراي سوئالغا ،
دىبادىن چىقسام دوس نەدە شائىرلا .
جاۋاپ كەلدى شائىردىن دوس جاپادا ،
دوس بولمايدۇ بىل زەھەرلىك يوللاردا .
بىلىپ قالسەن بىر كۈن قالساڭ جاپادا ،
بالدۇر يان قالماي دىسەڭ پۇشايماندا .
مەنمۇ بوش كەلمەي جاۋابەن ئۇلارغا ،
نىمنى بىلەر ئىدىڭ ئەخمەق شائىرلا .
دۇنيادا ئويناپ ياشاش بار كالۋالا ،
بۇ گېپىمنى چۈشنىشەسە شائىرلا .
ئەي بۇرادەر ھاقارەت قىلما بىزلەگە ،
ئويناشنىڭمۇ چىكى بار دۇنيالىقتا .
سوئال ئېنىق ئىنتاھانلىق ھايات بۇ،
ياخشى ياشا شۇڭلاشقا دۇنيالىقتا .
تۇرۇپ ئويغا سېپ قويدى ما شائىرلا ،
دىگەنلىرى بىر ھەقتۇر ماڭا ئايان.
قاندا ياشاش توغرا دىگىن شائىرلا ،
چۈشنۇشلۇك ئالدىرماي قىلغىنە بايان ،
ئاڭلىغىن ئاڭلىق ياخشى قېرىندىشىم ،
سىنىلۋاتسەن ھەربىر قەدەم يۇلۇڭدا .
سىناق نىمە بىلەمسەن قېرىندىشىم ،
نەتىجىس چىققارنى سىناق دەيمىز .
ئاقىش بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ نەتىجە ،
ياكى ھەيۋە ھېلگەرلىك ئاقمايدۇ ھەم
تۇرغۇزغىن ياخشى پايدىلىق نەتىجە ،
شۇ ۋەجىدىن يانساڭ ياخشى ئۆزەڭگە
ئىشنىپ قالما ياشلىققا ھەم بەستىڭگە ،
ساناقسىز بەستلىك ياش كەتكەن قەبرىگە .
ئەڭ گۈزەل خۇلقۇڭنى كۆرسەت ھەركىمگە ،
«نىچۇن؟ » دىمە ھامان بارمىز قەبرىگە .
بولدى شائىرلا سۆزلىمەڭلا قوقتۇم ،
تۈزتەي مەن يامان خۇلۇق ئادىتىمنى .
دۇنيادا قالدۇراي ياخشى ئىزىمنى ،
قىلماستىن باشلاي يامان ئادىتىمنى .
ئاسان ئەمەستۇر ھەقنى تېز چۈشەنمەك،
شۇنچە تېز چۈشەنگىنىڭگە كۆپ رەھمەت.
دوسنى تاللاپ تۇتقىن ئاخىرقى سۆزۇم ،
سۆزۇم تامام ئاڭلىغىنىڭغا رەھمەت .
ماقۇل رەھمەت شائىرلا 😳
2016.12.22
| 317 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-23 0:50:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|