​سەن كەتكەندە (شېئىر) - قۇندۇزئاي

سەن كەتكەندە (شېئىر) 

 قۇندۇزئاي


سەن كەتكەندە بولاتتىم غەمكىن، 

 خوشال بولدۇم بىراق بۇقېتىم.  

يۈرۈكۈمدە بۇزۇلماس رېتىم، 

مەنمۇ بولدۇم سېنىڭدەك تەمكىن.


سەن كەتكەندە يىغلاپ سالاتتىم، 

لېكىن بۇ رەت كەلمىدى يېشىم. 

 پىراقلاردا ئ‍اغرىيتى بېشىم، 

 ئ‍ەمدى يىغلاپ قانداق قىلاتتىم.


 سەن كەتكەندە سېنىڭ بىلەن تەڭ، 

  كېتەرئىدى يۈرۈكۈم بىرگە.

  سەن كۆندۈردۈڭ ئ‍اشۇ كېتەرگە،

مەنمۇ كەتتىم جاھان دېگەن كەڭ.





134 قېتىم كۆرۈلدى قۇندۇزئاي ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-16 5:03:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ