مەن -بىر كىتاب (نەسىر) - چىچەك

مەن - بىر كىتاب

ئاپتورى : مۇنىرە  (چىچەك )


مەن -بىر  كىتاب  !
گاھىدا، ھەسرەتلىك پىغانلىرىم ئارقىلىق ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ  ھەسرەتلىك ھىس-تۇيغۇلارنى  ئەسلىتىپ قويىمەن ،لىكىن  ھەسرەتلەرنى  خۇشالىققا مىلەپ جاسارەت ئوتىدا  تاۋلاپ چىقىمەن ،  گاھىدا  ،ئۆلمەس چەۋەندازلارنىڭ ئېتىغا  مىنىپ  تارىخقا ئايلىنىپ  كىتىمەن ، بۇ تارىخ مىنىڭ  كۆزلىرىمدە  ئەكىس ئېتىدۇ ۋە  مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .  قەھىرمانلارنىڭ  ئۆلمەس روھى  مىنىڭ  تىنىمدە  يالقۇنجايدۇ  .

مەن - بىر كىتاب !

نادانلارنىڭ نەزىرى چۈشمىگەن تاشلاندۇق .دانىشمەنلەرنىڭ ئېسىل ئوزۇقىدۇرمەن ،ئۇلار مىنىڭ دۇنيارىمدىن چۆچەكلەردىكى خەزىنىنى ئىزدىشىدۇ ،ۋە مەندىن خەزىنە ئاچقۇچىنى قېزىپ چىقىدۇ .مەن مانا مۇشۇنداق ئىزدەنگۈچىلەرگە ئابى ھايات كەبى شىپالىق ،دەردىگە خاسىيەتلىك قوللۇرۇم بىلەن داۋالىق بېرىمەن .

مەن - بىر كىتاب !

گاھىدا ئۆتكۈر شەمشەرگە ،گاھىدا، شىرىن ھەسەلگە ئايلىنىمەن ،گاھىدا مەيخۇمارلارنىڭ جاملىرىغا  لىق تولۇپ ئۆزۈمگە خۇمار قىلىۋالىمەن  دە تەنلىرىگە ئاستا -ئاستا سىڭىپ كىرىپ مېھرىنى مەندىن ئۈزەلمەس قىلىپ قويىمەن .

مەن -بىر كىتاب !

گۈزەللىكنىڭ تاجىنى تاقاپ ئېسىل سارايلاردا ئولتۇرغىنىمدا  ساھىپجامالنىڭ  مەندىن كۆزىنى ئۈزەلمىگەنلىكىنى ،شاھزادىلەرنىڭ  ماڭا قاراپ قېتىپ قالغانلىقىنى  كۆرۈپ ئۇلارغا مۇھاببەتلىك مېھرىم بىلەن باقىمەن .

مەن -بىر كىتاب !

ئاددي قەلىمىم ئارقىلىق ئۆز-ئۆزۈمنى بېزەپ  تۇرغان ،ئىسىم -فامىلە  ،لەقەم -تەخەللۇس  بىلەن  تامغىلانغان  .  شۇنداق ، روھى  ئاجىز كىسەللەرگە  شىپالىق  يامغۇرى  ياغدۇرۇپ  بېرىدىغان  . كوچا دوقمۇشلىرىدا  يول  تاپالماي ،يولدىن  ئېزىپ  تىنەپ  قالغانلارغا  نۇرلۇق يول    ئېچىپ  بېرىدىغان . مەن مۇناجات ئېيتىۋاتىمەن ئېزىپ قالغانلار ئۈچۈن ،  تىنەپ قالغانلار  ئۈچۈن . قۇلاق سېلىڭلار مۇناجاتلىرىمغا ، منىڭ مۇناجاتلىرىم  ئۆزىنى  يوقاتقانلارنىڭ  ئۆزلۈك  دۇنياسىنى  تېپىشىغا  مۇيەسسەر  قىلغۇسى  . 


خىتابىم ھەر قەدەمدە ئىستىسەڭ ياخشىلىق ماڭا ،
ھەر كۈنى سائادەت يامغۇر كەبى ياغقاي ساڭا .

گۈل كەبى پورەكلەپ، خۇشپۇراقلار چاچساڭ گۈزەل ،
تىلەكلەر  يەردە  قالماس  بولغۇسى  بىر كۈن ئادا !

بۇ مىنىڭ -مىنىڭ كىتابىمنىڭ خىتابى !!!
2017-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى

(«ئارىفنامە » ناملىق كىتابنى ئوقۇش جەريانىدىكى ھېسلىرىم ).






172 قېتىم كۆرۈلدى qiqak ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-12 16:18:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ