ۋاقتى ئۆتتى
دىلشات
خوشە دۇنيا !!!!!!!
شاراپ دېگەننى كۆپ ئىچىپ باقتىم . دوسلۇرۇم بىلەن ، ئاكا -ئۇكىلىرىم بىلەن ، تۇنۇيدىغان-تۇنۇمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن .................................,
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ،مەلۇم قىش ئايلىرىنىڭ سوغاق بىر كېچىسى ، قايسى بىر ئايدىڭ كېچىلەردە ، يۆلەنچىكلىك ئورۇندىقى بار باغچىدا ، شۇنداق ..................
تېخى تۈنۈگۈنلا ئىچكەنتىم ، ھەممە ئىشلار تولۇق ئېسىمدە بار ، ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى ، ماڭا ئايان بولغىنى ھەممە ئىشلارنىڭ ۋاقتى ئۆتتى دۇنيا !!!!!
خوشە دۇنيا ! مەن يەنە بىر قەدەھ كۆتىرۋېتەي ..................
بۈگۈن سەن بىلەن ئىچىشكىنىممۇ بەربىر ۋاقتى ئۆتىدۇ ، ۋاقتى ئۆتمەستە ساڭا كۆڭۈل سۆزلىرىمنى ئېيتىۋىلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭ ..................
سەن ئۆزگىرۋاتىسەن دۇنيا ، شۇنۇڭ بىلەن تەڭ بىز ئىنسانلارمۇ ئۆزگىرۋاتىمىز .........
بىز نىمىشقا توختىماي ئۆزگىرمىز ؟؟؟؟؟
مەن بۇ سوئالنى نۇرغۇن كىشىلەردىن سورغانمەن .ئاپامدىن ، مۇئەللىمدىن ، ئالىملاردىن ...............,
كىچىك چاغلىرىمدا ئاپامدىن سورغانتىم :
-ئاپا مەن چۈشۈمدە سۇ پەرىسىنى كۆردۈم ، ئۇ بەك گۈزەلكەن مېنىڭ ئۇنى كۆرگۈم بار .
-بالام قالايمىقان ئويلىما سۇ پەرسى دېگەن بىر ئەپسانە، ئۇ ھازىر يوق چۈنكى ھەممىسى بۇرۇنقى ئىشلار، ھەممىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى .
نەچچە يىلدىن كېيىن مۇئەللىم مەندىن سورىدى :
-سېنىڭ قانداق ئارزۇيۇڭ بار ؟
-مېنىڭ دېڭىزغا بېرىپ سۇ پەرىسىنى كۆرگۈم بار مۇئەللىم.
-ئۇنداق خام خىياللارنى قىلما، ھازىر سۇ پەرىسى دېگەنلەر قەتئىي مەۋجۈت ئەمەس ئۇ بىر رىۋايەت خالاس ھازىر ھەممىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى .........
يەنە تالاي يىللار ئۆتۈپ مەن بىر ئۆلىمادىن سوراپ قالدىم :
- سىزنىڭچە ھازىرمۇ سۇ پەرىسى مەۋجۈتمۇ ؟؟؟
-ئۇ دېگەن بىر توقۇلما، ۋاقتى ئۆتكەن ساختا ئىشلار ئۇ !!!!!!!!!
ۋاقتى ئۆتكەن ساقتا ئىشلار ئۇ !!!!!! .
قايتا-قايتا ئاڭلىغان بۇ بىر جۈملە سۆز مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى دۇنيا !!
ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە ياشىغۇم كېلىدۇ بىراق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۆز ئارزۇيۇمنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتىمىكىن دەپ ئويلاپ قالىدىغان بولدۇم .
ھەقىقي ئەركەكتەك ۋاپادار، ئەخلاقلىق، ئاخكۆڭۈل، كەڭ قورساق ، ئاددى-ساددا ياشىغۇم كېلىدۇ!
بىراق يەنىلا ئەتراپىمدىكى كىشلەرگە قاراپ ئۇنداق ياشاشنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتتىمىكىن دەپ تەۋرىنىپ قالمەن دۇنيا ......
بىرىگە چىن دىلىمدىن كۆيۈپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىمنى تەسەددۇق قىلىشىنى ، مەڭگۈ ئۇنىلا سۆيۈپ ھەقىقي مۇھەببىتىمنى تائابەت ئۇنىڭغىلا ئاتا قىلىشىنى ئويلايمەن ئويلايمەنلا ئەمەس شۇنداق قىلىشىم كېرەك دەپ قارايمەن ، ئەمما دۇنيا سەن دەپ باقە ؟ بۇ ئىشلارنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتتىمۇ ؟
بەزىدە ئەينەككە قاراپ ئۇزاق ئۆز -ئۆزىمگە قاراپ كېتىمەن .
مەن ھەقىقەتەن راس ئۆزۈم شۇمۇ ؟
مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈم شۇمۇ ؟؟؟؟
ياكى بۇرۇنقى شۇ ئويلىرىمنىڭ راسلا ۋاقتى ئۆتتىمۇ ، مەن راسلا ئۆزگىرۋاتامدىم دۇنيا !!!!!!!!"'''؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
-دىلشات قەلبىدىن .
203 قېتىم كۆرۈلدى | kalbidin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-12 2:38:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|