ياپراق ۋە قۇياش
--ياپراق يازمىسى
بار ئىدى شۇنداق بىر يىگانە ياپراق،
شۇنچە پاك شۇنچە يالتىراق.
ئىگىلىپ سۇلمايتتى بوران شامالغا،
كۆزلەرنى چاقاتتى شۇنچە پارقىراق.
چارچىدى ئۇ ياشلىقنىڭ داۋانلىرىدا،
يوقىتىپ ئۆزىنى ئازابنىڭ خامانلىرىدا.
ئىگىلدى ئۇ تەغدىرنىڭ ئالۋانلىرىدا،
ئېزىپ ئالدىنىپ شەيتاننىڭ زامانلىرىدا.
كۆڭلىنى ئاغرىتتى كۆڭلى ئاغرىدى،
خۇشاللىق بەرسىمۇ كۈلكە تاپمىدى.
ئۇ كۆڭۈل چەكمىگەن ئىشىك قالمىدى،
بۇ ئازغۇن زاماندا ئازغان ئازمىدى.
ئاتلانغان سەيياھتى يىراق سەپەرگە،
ياللىنىپ كەلدى ئۇ يىراق شەھەرگە.
ئۇلاشتى شۇ كۈنى يېڭى سەھەرگە،
سورىدى قۇياشتىن كەلدىم قەيەرگە.
قايتۇرۇپ سوئال قويدى قۇياشمۇ،
كۆزۈڭدىن ئاققان ئازابمۇ ياشمۇ؟
سەن كىم ئېتىڭ نېمە ،ئادەممۇ تاشمۇ؟
ئۆلۈشمۇ مەقسىدىڭ ياكى ياشاشمۇ؟
تۇتتۇم تاش كەبى قاتقان بېشىمنى،
قاچۇرۇپ قۇياشتىن سۈرتتۈم يېشىمنى.
مەن كىم ئويلاندىم تۇتتۇم پېشىمنى،
تاپالماي ئۆزۈمنى تۆكتۈم يېشىمنى.
دېدى قۇياش ئەركەك سەن ئەبەت،
ئىگىلدىڭ سۇلما سۇلمىغىن پەقەت.
ئالدىرماي ئويلانغىن ئۇزۇندۇر شەپەق،
ئۆزۈڭنى تاپمىساڭ بارارىڭ لەھەت.
دېدىم مەن ئۆزۈم يىگانە ياپراق،
ئىدىم ياپيېشىل مەزمۇت پارقىراق.
يوقاتتىم ئۆزۈمنى ئىزدىدىم يىراق،
كەزدىم چۆل داۋان تاپمىدىم بىراق.
توختاتتىم ئۆزۈمنى توختىدىم بۈگۈن،
ئويلاندىم،ئىزدەندىم يېشەلمەي تۈگۈن.
قەلب سىرىم بىلەرمەن ئەتە يا ئۆگۈن،
قالىدۇ ئازابىم بولۇپ تۈنۆگۈن.
40 قېتىم كۆرۈلدى | 1838207873 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-12 22:12:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|