قىسمەت
مۇھەممەتئىمىن- تاشتۇغ
چىكىگە قىسقاننى قىزىل گۈل دەيدۇ ،
قىزىل گۈل ئۈزىنىڭ شېخىدا تۇرسا .
قاغىدەك سايرىسا بۇلبۇلكەن دەيدۇ ،
بۇلبۇللار يىگانە بېغىدا تۇرسا .
ئېچىلىدۇ بىر كۈنى ئەشۇ قىزىل گۈل ،
كۈچىدۇ چىكىگە ئەمەس بىر باغقا .
بۇلبۇلنىڭ مۇڭىنى ئاڭلايسەن شۇ چاغ ،
چىن مەنا قۇشىسەن قىسمەت ھاياتقا .
باغۋەنلەر غېمىنى بىلمەيسەن پەقەت ،
نىيىتى شۇ گۈلنى پەرۋىشلەپ بېقىش .
قوغدايدۇ ئاسرايدۇ بۇلبۇل كەلگۈچە ،
سەبرىدىن تېپىلار بىر بۇلبۇل كەچمىش .
تەسەللىي بۇلالماس قىسقا كۈلكىلەر ،
چاڭقىغان دىللارغا بۇ بىر ھەقىيقەت .
تاپىسەن بىر كۈنى چەشمە بۇلاقنى ،
ئۈتىدۇ ھەممىسى دەيسەن خەيرىيەت .
| 266 قېتىم كۆرۈلدى | taxtug | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-22 1:16:03 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|