بىر نىشان كۆزلەپ

بىر نىشان كۆزلەپ

 

ئويلان يازمىسى

 

كۆڭۈل پەرىشان، توختىماس تەشۋىش

 دىلغا قايغۇ غەم، تولماقتا چەكسىز.

 شۇنچىلىك ئاجىز كەلمەكتە بەندە ،

گۇناھى ئېغىر جازا بار شەكسىز .

 

كۆردى بەزىدە ئۆزىنى كۆكتە،

 كۆردى بەزىدە بەختىنى كۈلدە.

 ئەمەسلىكى راست ياخشى بىر ئىنسان،

 يىغلىسىمۇ ئاز ئۇخلىماي تۈندە.

 

 پۇشايمىنى كۆپ ئەتمىشلىرىگە،

 كۈلىسۇ بەزەن كەچمىشلىرىگە.

 ئۆزىگە ئىنىق سىرلىرى پىنھان،

 ھەمرا كىم قېنى ئۆكسۈشلىرىگە.

 

 بىلىندى ھامان ئىستەكلا ھايات،

 مەنىسىز دۇنيا،بەرىبىر مامات.

 ھەممىسى توزۇپ كېتەر ئىستەكلا،

 دىدى ئىچىدە»خۇشلىقنى«يارات.

 

 ئۆتتى خېلىسى ئۆمۈرنىڭ تۈگەپ،

 تۇرار ئەسلىمە بۇ باشنى يۆگەپ.

 ئۈزىلسىمۇ يول بولمىسا ئىمكان،

 توختىمىدى كۆز بىر نىشان كۆزلەپ.





128 قېتىم كۆرۈلدى oylan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-7 20:07:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ