يامغۇر (شېئىر) - گۈلنىسا سادىر

يامغۇر

يەكەن تاغارچى ئوتتۇرا مەكتەپتىن گۈلنىسا سادىر


 يامغۇر،
كېچىدىن بۇيان توختىماي يېغىۋاتىسەن.
خۇددى
ئاتىسىدىن،ئانىسىدىن ئايرىلغان يىتىمنىڭ ،
دەرىتلىك يۈرەكنىڭ كۆز ياشلىرىدەك .
يۇيۇلدى سەندە پۈتكۈل كائىنات،
جىمى مەۋجۇدات.
ھەتتا قەلبىمدىكى ئازاپلارمۇ،
دادامنى سېغىنىپ تۆككەن ياشلارمۇ،
يۇيۇلدى پاك -پاكىز سۈرتۈلگەن ئەينەكتەك.
ئەي يامغۇر،
كۆككە بېقىپ تۇرۇپ،
ساڭا چىلىنىپ تۇرۇپ،
تازا يىغلىۋالدىم،
ئىچىمنى بوشىتىۋالدىم،
مېنى بۇ ھالدا كۆرگەنلەر دەيدۇ،
قاراڭلار،ئۇنىڭ تۇرىشىنى خۇددى ساراڭدەك.
ياغە،ياغ يامغۇر،
يۇيغىن زىمىن باغرىنى،
ئېلىپ كەت ئازاپلىق يېشىمنى،
مەلھەم بول سېغىنىشىمغا،
بىخلاندۇر گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى
كۆڭلۈم كۈلسۇن ۋىلىقلاپ بوۋاقلاردەك.

     





48 قېتىم كۆرۈلدى گۈلنىسا سادىر ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-9 0:56:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ