ئازاپلىرىڭ مەن ئۈچۈنمىدى (شېئىر) - ئوسمان ئابدۇللا

ئازاپلىرىڭ مەن ئۈچۈنمىدى؟

  ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)

ئۇزۇن بولدى، بىر ئازاپقا مۇپتلادۇرمەن،
شۇ ئازاپتا لىۋىم تۈگۈل قەلبىم كۈلىمدى.
ئىزتىراپتا ئۆرتنىپ، ھجىراننڭ قالدىغۇ دىغى،
ئىيتىقن گۈلۈم ،ئازاپلىرىڭ مەن ئۈچۈنمىدى؟

بىر قيا باققىنڭدا،كەتتى گۈر يۈرەككە ئوت،
يۈرەك تۈگۈل ، جانۇ-تىنىم ، پەۋەسكە ئوت.
ۋەسلىڭگە زارمەن، ئۇلىغىيار ھەۋەسكە ئوت،
ئيتىقىن گۈلۈم، ئازاپلىرىڭ مەن ئۈچۈنمىدى؟

سەن خىيالىم،كىپنەكسەن، ئۇچسەن ھەريان،
دىۋانىڭمەن، ئاشىقلىقتا بولوپ سەرگەردان.
ئىزھار قىلسام موھەبىتىم ئوقوپ شاھمەردان،
ئيتقىن گۈلۈم، ئازاپلىرىڭ مەن ئۈچۈنمىدى؟

كۆتۈشلەرگە سەۋىرىم يىتەر، ئۆمىرۈم يتەرمۇ؟
كۆڭلۈمدىكى بۇلبۇلۇم،ھەريان ئۇچۇپ كىتەرمۇ؟
كۈنۈم شۇنداق ئەندشە، غەم-غۇسىدە ئۆتەرمۇ؟
ئىيتقىن  گۈلۈم، ئازاپلىرىڭ مەن ئۈچۈنىمىدى؟

نىگار ساڭا كۆيدۈم، پشتىم ، ھالىم قالىمدى،
مەن سىغمامدىم قەلبىڭگە،يا ئىچىڭ تارمىدى؟
يا تۆرۆڭگە باشلاپ قويغان مىھمان بارمىدى؟
ئىيتقىن گۈلۈم ، ئازاپلىرىڭ مەن ئۈچۈنىمدى؟

   2017-يىلى 2-ئاپىرىل (قارىتاغىز)
     





85 قېتىم كۆرۈلدى ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 0:53:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-10 15:09:48 ئابلىمىت
ياخشى يىزىپسىز شائىر قىرىندىشىم ، ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ