ئاسمىنىم ، ساڭا قاراپ ئاقماقتىمەن

ئاسمىنىم، ساڭا قاراپ ئاقماقتىمەن

 

 (نەسىر)

 

مۇنىرە غەيرەت

 

 فەرىدە ياخشى تۇرۇۋاتامسەن ھاڭباقتى قىز؟ «كىمنى دەيسەن» دەمسەن؟ يەنە كىم بولاتتى، سېنى دەۋاتىمەن. مۇشۇ كۈنلەردە ساڭا كىمنىڭ گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خۇددى ئاڭلىمىغاندەك، ئەتەي بىر نوقتىغا تىكىلگىنىڭچە كىمنىڭدۇر يولىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرغىنىڭ ئولتۇرغان. كىمنىمۇ سېغىنىپ، نېمىنىمۇ خىيال قىلىۋاتقانسەن؟ قانداق ئوي-خىيالدا ئىكەنلىكىڭنى ئاشۇ مۇشتۇمدەرەك كىچىككىنە، ئەمما، كىچىكلىكىگە باقماي بىر دەقىقىمۇ جىم تۇرغۇسى كەلمەيدىغان بەڭۋاش يۈرىكىڭلا بىلەر، ئېھتىمال. سەن شۇنچە تەقەززا بولۇپ تەلمۈرگىدەك ئىشمۇ بارمۇ بۇ جاندا، ياكى سەن نېمىگىلا بولسا تەلمۈرۈپ يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قالدىڭمۇ، دەپ سورىماقچى بولۇپ، نەچچە قېتىم ئاغزىمنى ئۆمەللەپ يەنە توختاپ قالغان ئىدىم، بۈگۈن ئاغزىمدىن چىكەتتى-مانا. بىراق، قىنى ئەي ئەركە خىيال قىز، سوئالىمغا لايىق جاۋاب؟ سېنىڭ ئۈچۈن كۆكتىكى بىر پارچە بۇلۇت جاۋاب بەردى. بۇلۇتنىڭ كۆز ياشلىرى باش-كۆزۈمدىن ئېقىپ، ياقىللىرىمدىن سىرغىپ چۈشۈپ كۆكرىكىمگە سىڭىپ كەتمەكتە. مەن بۇنىڭدىن ھېس قىلدىم سوئالىمنىڭ جاۋابىنى، چۈشەندىم سېنىڭ نېمىگە تەلپۈنۈپ، نېمىگە تەقەززالىقىڭنى. ھۇ شەيتان قىز، ھېچنېمىنى بلمەستەك قىلىۋاتاتتىڭ، قولتۇقۇمنىڭ قىچىقى بارلىقىنى قانداق بىلىۋالدىڭكىن، يامغۇر تامچىسىنىڭ قولتۇقۇمغا بېشىنى تىقىۋېلىشلىرى بىلەن سېنىڭ ئەركە-خۇلقۇڭ نەقەدەر ئوخشايدۇ-ھە؟ شۇ تاپتا سېنىڭ تاتلىققىنە غىدىقلىشىڭدىن جېنىمنىڭ نەقەدەر يايراپ كېتىۋاتقانلىقىنى دېمەيلا قوي. سەن غىدىقلىماقتىسەن، مەن يايرىماقتىمەن، تارام-تارام ئاقماقتىمەن، ئاقماقتىمەن... مېنى قوينۇڭغا ئال، ئاسمىنىم، ساڭا قاراپ ئاقماقتىمەن! ئاسمىنىم، قوينۇڭغا ئاقماقتىمەن غەرق، سۆيۈشكە لەيلىتىپ پايخانلىرىڭنى. بىلمەيسەن، نەقەدەر ئاقتىم سۇ بولۇپ، بىلمىگەن كەبى مەن ئارمانلىرىڭنى. بېشىمنىڭ يۇمشاققىنە بۇلۇتقا تەگكىنىلا ئېسىمدە. ئېھ، جاھاندا بىرسىگە سۆيۈلمەكتىنمۇ، بىرسىنى سۆيمەكلىك بەختكەن ئەسلى...

 2015 ـ 6 ـ ئىيول ئۈرۈمچى





242 قېتىم كۆرۈلدى مۇنىرە غەيرەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-5 1:22:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ