باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ

          باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ

ئۇزخېنىم ھەسەن 


چىچەك رەيھان ئېچىلغان چاغدا،
كاككۇك كەلدى سايرىدى باغدا.
مەن يۈرىمەن ھىجراندا داغدا،
باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ.

بىللە يۈرگەن يوللاردىن سوراپ،
سۈرىتىڭگە نەچچە رەت قاراپ.
سەنسىز ئۆتكەن كۈنلەرنى ساناپ،
باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ.

كىمنى كىملەر ئەسلەيدۇ بۈگۈن،
كىمنى كىملەر  ئىزلەيدۇ بۈگۈن.
تەقدىر قانداق ئەتە ۋە ئۆگۈن،
باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ.

بۇلبۇل گۈلنىڭ شاخىگە قوندى،
يۇلتۇز ئاينىڭ يانىگە قوندى.
بۇ يۈرەگىم دەتلەرگە تولدى،
باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ.

سۆيگۈم سەندىن ئۈمۈد ئۈزمەيدۇ،
ئەلەم ھەسرەت مىنى قەسىتلەيدۇ.
سېغىنىشلەر جاننى ئۆرتەيدۇ،
باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ.


تەھرىرلىگۈچى : ئابلىمىتجان ۋاھاپ 

ئۈندىدار : qq1165181317

مۇھەرىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇقادىرى

ئۈندىدار :2041420589
     





40 قېتىم كۆرۈلدى تۇخېنىم ھەسەن ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-30 1:28:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ