ئەمگەكچىلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
ئتىز-ئېرىق،دالىلار،چۆل باياۋان ئايرىماي،
سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا،بەل باغلىغان دېھقانلار،
ئالقىشلايلى ئۇلارنى،مەيدىسىگە گۈل قىسىپ،
ئۇلار بولماي،”ئاق نانلار“،بىزگە نەدىن كەلگۈدەك،
ئىشچان،باتۇر دېھقانلار،بايرىمىڭلار مۇبارەك!
خەلق ئۈچۈن تىرىشتىڭ،ھارمىدىڭغۇ بىر ئۆمۈر،
قاپارسىمۇ قوللىرىڭ،سوقۇۋەردىڭ لوم تومۈر،
قىلچە مېھنەت قىلمىدىڭ،تەرەققىيات كۆزۆزلىدىڭ،
بالدۇر چقىىپ زاۋۇتقا،كەچ قايتقاننى بىلمىدىڭ،
قولى گۈلدەك ئىشچىلار،بايرىمېڭلار مۇبارەك!
بېغىشلىدىڭ بارىڭنى،سۆيۈپ يۈرەك پارەڭنى،
مەرىپەتنى كۈيلىدىڭ،ئوقۇ دىدىڭ بالاڭنى،
ۋەتەن ئۈچۈن،ئەل ئۈچۈن،شەرەپ بىلدىڭ ئەمگەكنى،
تەربىيەلەپ ئىزباسار،كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرغان،
ئىشچان،باغۋەن مۇئەللىم،بايرىمىڭلار مۇبارەك!
مۇقىملىق ۋە ئىناقلىق بايرىغىنى كۆتۈرۈپ،
تېنچ،ھاللىق جەمئىيەتنى قۇرۇش ئۈچۈن تېرىشقان،
كىچەلىرى ئۇخلىماي،جاپالارغا باش ئەگمەي،
قۇربانلىقتىن قورقماي،راھەت ئويلاپ باقمىغان،
قوغدىغۇچى باتۇرلار،بايرىمىڭلار مۇبارەك!
55 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-1 0:06:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|