جانان سەندىن كەچمىدىم
شۇنچە كۆپ ئازاپقا قويساڭمۇ مىنى،
يەنىلا كەچۈردۈم ئاشىقىم دىدىم.
قىلساڭمۇ يۈرەكنى لەختە- لەختە قان ،
جانانىم سىنىڭدىن مەڭگۈ كەچمىدىم.
گاھىدا يېنىمغا كىلىپ قالىسەن،
ھەم ياشلىق كۈزۈمگە قىيا باقىسەن.
شۇدەمدە يۈرەككە ئوتلار ياقىسەن ،
جانانىم سىنىڭدىن مەڭگۈ كەچمىدىم.
كۈيۈشۈپ ئۆتكەنتۇق بىزمۇ بىر چاغلار،
پەرھات ھەم شىرىندەك ئايلىنىپ تاغلار.
بۇگۈزەل سۆيگىگە شاھىت شۇ باغلار،
جانانىم سىنىڭدىن مەڭگۈ كەچمىدىم.
بىرەر كۈن كۈرۈشمەي قالساق ئەگەردە،
تولغىنىپ كىتەتتۇق ئاچچىق ئەلەمدە.
ئازساڭمۇ يۇلۇڭدا ھەربىر قەدەمدە،
جانانىم سىنىڭدىن مەڭگۈ كەچمىدىم.
قايسى چاغ كۆپەيدى بەرنا قىزلىرىڭ،
شەيدا بوپ شۇلارغا مىنى تاشلىدىڭ.
يېنىمدا قالغىنى پەقەت ئىزلىرىڭ ،
جانانىم سنىڭدىن مەڭگۈ كەچمىدىم.
ھەسرەتتە يىغلايدۇ ئىزىلدى يۈرەك،
مۇڭلانغان قەلبىمدە تىلىدىم تىلەك.
بولساڭمۇ ھاياتتا باشقىغا يۈلەك ،
جانانىم سىنىڭدىن مەڭگۈ كەچمىدىم.
ئاپتۇرى؛ يۇلتۇز (ئاق مەرۋايىت)
2016-يىلى7-ئاينىڭ 27-كۈنى
28 قېتىم كۆرۈلدى | يۇلتۇز | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-8-1 1:22:36 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|