بىلىپ قويدۇم

بىلىپ قويدۇم

 

ئايتىللا ئەيسا تەشنائىي

 

 سىناقلىق ئىكەن بۇ دۇنيا كۆرۈپ قويدۇم،

 كۆرگەن قىسمەتلىرىمگە ھەم كۈلۈپ قويدۇم.

 ئالدىمدا گۈل بولسا كەينىمدە تىكەن بوپ،

مېنى قەسىتلەپ يۈرگەنلەرنى بىلىپ قويدۇم.

 

 ھەت قىسمەت كېلەر ئىكەن ئىنسان بېشىغا،

تەقدىرمۇ باقماس ئىكەن ئىنسان يېشىغا.

بېشىمغا كۈنلەر چۈشۈپ پادا باققاندا،

 كىملەر دوستۇم،كىملەر ئەمەس بىلىپ قويدۇم.

 

دوسىتلۇقلار پايدىلىنىش بوپ قالدى ئاخىر،

 كۆپۈككە ئايلاندىغۇ شۇنچە كۆپ ئەجىر.

 ئەتراپىمدا پەرۋانە كەبى ئايلىنىپ،

 دوسىت دىگەنلەر دوسىت ئەمەسكەن بىلىپ قويدۇم.





177 قېتىم كۆرۈلدى ئايتىللا ئەيسا تەشنائىي ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-15 17:00:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-19 1:07:59 يىگانەئاشىق
مېنىڭچە ياخشىي بوپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ