مەڭگۈلۈك ھىجران
مەڭگۆلۈك ھىجران

 تۇيۇقسىز ئۇچراتتىم سېنى ئاشۇ چاغ،
 ھاياجان تەپتىدە سوقتى يۈرۈگۈم.
 چاقنىغان ۋاللىدە سۆيگۈ نۇرىدىن،
 يورۇدى قەلبىمدە ئاشىق تۈنلىرىم.

ئاشۇ پەيت ئىشقىڭدا بولدۇم پەرۋانە،
 باردىممەن قېشىڭغا سەدىقە تىلەپ. 
قۇچاقلاپ ئۆزگىنى ،پەرۋاسىز ماڭا،
 ئوينۇدۇڭ تانسىنى يۈرەككە دەسسەپ.

 بىچارە يۈرۈگۈم بولدى قان زىدە، 
تىرىشتىم ئۇنتۇشقا سېنى دىلىمدىن.
 سەگىتتىم شام كەبى كۆيگەن يۈرەكنى،
 بۇلدۇقلاپ ئاققان شۇ ھىجران يېشىدىن.

 دەۋىرنىڭ ئوقلىرى قايتا چۆگىلەپ، 
ئۇچرىدىڭ ئالدىمغا بىر كۈنى يەنە.
 سولاشقان ياپرىقىڭ،توزىغان بەرگىڭ،
 سۇلغۇن شۇ نىگاھىڭ بەكمۇ بىچارە.

 دىۋانە بولۇپسەن سەدىقە تىلەپ،
 گويا كۈز ياپرىقى تىترەر ۋۇجودۇڭ .
 مۇزلىغان ئالقانغا قويدۇم يۈرەكنى، 
لىكىن سەن قەلبىمدە شۇ ھامان ئۆلدۈڭ .

گۈلئاي




126 قېتىم كۆرۈلدى گۈلئاي ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-29 14:36:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ