قاقشىغانلارغا...
قادىر ئابلەت
بەك ئىچىمنى پۇشۇردۇڭلا كەچكىچە قاقشاپ،
پىت چاقسىمۇ يۈرىيسىلەر توختىماي ۋايساپ.
توۋا قىلدىم، نىمانچىمۇ جىنىڭلار بوشتۇ؟
نە پايدىسى قاقشىغاننىڭ باققانمۇ ئويلاپ.
ئۆتىۋەرمەس كۈندە كۈلۈپ ئىنسان دىگەنمۇ،
ئانچە-مۇنچە ئاچچىقى بار ھايات دىگەننىڭ.
بەزى كۈلۈپ بەزى شۇنداق يىغلاپ يۈرىمىز،
نە پايدىسى توختىماستىن قاقشاپ يۈرگەننىڭ.
قولۇڭلاردىن كەلسە ئەگەر پىشانەڭلەرگە،
پۈتۈلگەننى ئۆزگەرتىڭلار،باشتىن يىزىڭلار.
قاقشىماڭلار خۇش بوپ قالاي،چىدالمىساڭلار،
ياشىماڭلار، بولدى ئاستا ئۆلۈپ كىتىڭلار.
2016—10—7
قارىقاش
43 قېتىم كۆرۈلدى | قادىر ئابلەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-8 1:10:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|