مەن بىر ياخشى ئوقۇغۇچى (نەسىر) - دىلنۇر ئابدۇرسۇل

مەن  بىر  ياخشى ئوقۇغۇچى (نەسىر) 

 دىلنۇر ئابدۇرسۇل


 مەن بىر ئەقىللىق ئوقۇغۇچى.ھەر كۈنلۈك دەرسلەرنى شۇنچە تىنچ ئاڭلايمەنكى،كاللامغا كەلگەن سۇئاللارنى مۇئەللىم سۆزدىن قىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەرگىز سىرتقا چىقارمايمەن.مۇئەللىمنىڭ ئېغىزىدىن  ئىمتىھان نۇقتىسى دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالدىممۇ،چارچاپ يۇمۇلۇپ كەتكەن كۆزلىرىمنى لاپلا ئېچىپ،رەڭلىك قەلەملىرىمنى ئاقتۇرۇپ كىتابىمنى باھاردا ئېچىلغان ئەتىرگۈلدەك بويىۋىتىمەن-دە،ئۇنىڭغا قاراپ زوق ئالىمەن.كىنو كۆرۈشكە قىزىقىشىم بار بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن،ھەركۈنى ئىكراندا چىقىۋاتقان سەرخىل مەزمۇنلار كۆز ئالدىمدا خۇددى كىنو لىنتىسىدەك نامايەن بولىدۇ-دە،مېنى ئىختىيارسىز ئۆز قوينىغا باشلاپ كىرىپ كېتىدۇ.مۇئەللىمنىڭ ياڭراق ئاۋازىمۇ بۇنداق ئۆزىگە قاراتماس ئادەمنى.كىتابلىرىمنىڭ كونىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن دەرستىن چۈشۈپ ھەرگىز ۋاراقلاپ يۈرمەيمەن.
  مەن بىر ئالقىشلىق ئوقۇغۇچى.مەكتەپنىڭ قەيەرلىرىگىلا بارماي ھامان دوستلىرىم يىغىپ تۇرىدۇ.مىنى ئىزدەيدىغانلار كۆپ بولغاچقا بىردەممۇ بىكار قالمايمەن.ئەلۋەتتە،ئايفونۇممۇ دەرس ۋاقتى دەپ تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرماي،مۇھىم ئىشلارنى ماڭا ئۇقتۇرۇشقا ئالدىرايدۇ.ئۇ ئارقىلىق مەن مەكتەپتىكى،جەمئىيەتتىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەممە ئۇچۇرلاردىن تۇنجى خەۋەردار بولۇپ،جاھاننىڭ ئۇ چىتىدە داڭ قازىنىۋاتقان چولپانلارنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ چىقىمەن.ھاياتىمدا ھەتتا ئۆزۈمنىمۇ بۇنداق چۈشىنىپ باقمىغان بولغىيتتىم.كەچلىك مۇزاكىرە ھەرخىل ئۇيۇشمىلاردا چېنىقىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى.بۇ بىر كۈندىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك پەيتلەردۇر،دوستلار بىلەن ھەرخىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ كۆڭۈل ئاچالايمىز.شەنبە-يەكشەنبە بىر ھەپتىلىك چارچاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئارامى،تەستە كەلگەن شىكەر شەنبىدە ئوبدان ئويناپ جىددىيلىكنى پەسەيتىش بەرھەقتە!
  مەن بىر تېرىشچان ئوقۇغۇچى.بۇنى ھەممە بىلىدۇ،دوستلۇق چەمبىرىكىگە قارىسىڭىزلا مېنىڭ تەجرىبىلەرنى قانچىلىك ئەستايىدىل قىلغانلىقىمنى،كەسپىمىزنى ئۆگىنىشنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.ئاخشاملىرى بالدۇر ئۇخلىۋالماي دەپ،ۋاقىتتىن-ۋاقىت چىقىرىپ چەمبىرەكلەرنى ئايلىنىۋېتىپ ئاندىن ئۇيقۇغا چۈشىمەن.تېرىشچانلىقىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى كولمىناتسىيە نۇقتىسى مەۋسۇملۇق ئىمتىھانغا تەييارلىق ھەپتىسىدۇر.بۇ بىر ھەپتە پۈتۈن ئىشنى تاشلاپ،قەھۋەلەرنى راسلاپ،كېچە-كۈندۈز دېمەي،ئەجدادلاردىن تەۋۋەرۈك  سۇئاللارنى بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزىمەن.ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ بۇنداق ئۆگىنىپ باقمىغان بولغىيتتىم.بۇ بىر ھەپتە ئاغرىپ قىلىشقا ياكى پۇزۇر يۈرۈشكە،ئۇچرىشىقا چېقىشقا ياكى كۆڭۈل ئېچىشقا بولمايدۇ.نەتىجىدە بىر ھەپتىلىك جان تىكىپ قىلىنغان كۆرەش بىر مەۋسۇملۇق نەتىجىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە ئارخىپىمغا كىرگۈزۈلۈپ، مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەكىلىم بولىدۇ.
 مەن بىر ئېقتىسادچىل ئوقۇغۇچى. بىر كۈندىكى ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىشىم كۈندىلىك ھېساباتىمنى تەكشۈرۈش بولسا  كېرەك. <





239 قېتىم كۆرۈلدى دىلنۇر ئابدۇرسۇل ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-13 2:55:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-16 20:08:22 paziliya
intayin yahxi pikirlar , guzel tillar ixlitilip yumurstik mitod bilan ozgiqa purak aks etiptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ