خىيال قىلىپ بىر سېنى (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

خىيال قىلىپ بىر سېنى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

گۈللەر سۇنسام رەت قىلىنغاچ شۇ كۈنى،
زىدە قالغان يۈرۈگۈمدە،بىل بۇنى،
ئويلانماستىن دېگەن گېپىڭ ئېسىمدە،
غورۇرۇمغا تەگكەن ئىدىڭ،بىل شۇنى.

بىلەلمىدىڭ،سۈزۈك ئىدى پاك قەلبىم،
قۇياش كەبى ھارارەتلىك ساپ دىلىم،
زۇۋان سۈرمەي،سۈكۈت قىلىپ قىينىدىڭ،
يۈرەگىمدە سەندىن باشقا يوق جېنىم.

پىچىرلايتتىم،خىيال قىلىپ بىر سېنى،
چۈشلىرىمدە ئويلاپ پەقەت كۆرۈشنى،
يۈرەكلىرىم سىزەر پەقەت يالغۇزلۇق،
سۆيگۈ بەرسەڭ بولماسمىدى،خەپ سېنى.

ئۇۋالىمغا قالمىغايسەن دىلبىرىم،
كەلگىن سۆيۈپ،قىينالمىسۇن بۇ جېنىم،
ياشلىق چېغى بەك قىسقىدۇر قەدىرلە،
ياز كەلگۈچە كېلەلەمسەن،بىلمىدىم.
     





171 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان(كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 23:35:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ