ئانامكەن ئەسلى
جۇشقۇن ھۇشۇر
يولۇقسام گەر جەۋرى جاپا قىيىنچىلىققا ،
چىن كۆڭلۈدىن ياردەم بېرەر ئانامكەن ئەسلى .
بالام كىيسۇن ئېسىلنى دەپ ئويلايدۇ ھەرچاغ ،
پەرزەنىت ئۈچۈن ياشايدىغان ئانامكەن ئەسلى .
نامەدر دوستنىڭ ئالدىشىدىن بۇلسام پەرىشان ،
چىن ھەقىقىي دوستتۇم بولغان ئانامكەن ئەسلى .
گۈزەل يارنىڭ تاشلىشىدىن چەكسەم دەرد ئازاپ ،
مېنى دىلدىن چوڭقۇر سۆيگەن ئانامكەن ئەسلى .
دوسلىرىممۇ خەنجەر راسلاپ تۇرسا ئارقامدا ،
مال دۇنيانىڭ ئالدىدا مەندىن تانغاندا.
دۈشمەنلەرنىڭ ئورىسىغا چارسىز قالغاندا ،
نامىزىدا دۇۋا قىلغان ئانامكەن ئەسلى .
جۇد شىۋىرغان دەستىدىن تىترەپ تۇرغاندا ،
ئىسسىق چوغقا ئايلانغان ئانامكەن ئەسلى .
تومۇز ئىىسىق دەستىدىن سۇسىز چاڭقىسام ،
بىر پىيالە چاي بولغان ئانامكەن ئەسلى .
ئۆزگىلەرنى گۈزەلدەپ يۈرۈپتىمەن مەن ،
گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى ئانامكەن ئەسلى .
ھەممە كىشى ئالىم ئۇلۇغ دەيدىكەن دائىم ،
ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى ئانامكەن ئەسلى .
2016.7.29
| 27 قېتىم كۆرۈلدى | juxkun1229 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-8-1 0:14:51 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|