مەن يەنە يىغلىدىم (نەسىر) - مەريەم كەنجى ھىدايى

مەن يەنە يىغلىدىم
نەسىر
مەريەم كەنجى ھىدايى
(مەرھۇم ئاكام مۇتەللىپنى ئەسلەپ ) 


   ئالدىمدا سۈرەت، مەن سۈرەتتىكى ئاكامنىڭ ئويچان كۆزلىرىدە ئويناپ تۇرغان تەبەسسۇمغا دىققەت قىلدىم .ئۇ شۇ تەبەسسۇمدا خۇددىي ماڭا:<< سىڭلىم ئۆزەڭگە ئىشەن ،ئۆزەڭگىلا ئىشەن ،بولدى ،ئەمدى يىغلىما ! >> دەۋاتقاندەك بىلىندى . كۆزلىرىم ئەلەملىك يۇمۇلۇپ ئېچىلغىنىدا ،نەزىرىم يەنە ئۇستەلدىكى رەسىمگە چۈشتى .
  ئاكا، جېنىم ئاكا ! سەن بىزنى نىمىشقىمۇ تاشلاپ كەتكەنسەن ئاكا !
سەن ھايات ۋاختىڭدا ئائىلىمىز ،نەغمە –ناۋاغا تولغان گۈلزارلىق باققا ئوخشايتى ،خوشال كۈلكىلەر ئۈزۈلمەيتى .كەچلىكلىرى دادام-ئاپام بىزگە دۇتتار چېلىپ ،ناخشا ئېيتىپ بىرەتتى ،مەن ئوتتۇرغا چۈشۋېلىپ توختىماي ئۇسۇل ئوينايتىم ،تويلارغا بارساقمۇ ،ئۇسۇل ئوينايمەن دەپ ئوتتۇرغا چۈشۋالاتتىم ،سەن مېنى تارتىپ ،<< قىز بالا دىگەن ئوتتۇردا ئۇسۇل ئويناۋەرسە بولمايدۇ >> دەپ ئاچىقىپ كېتەتتىڭ ،مەن يىغلايتىم .
  ئاكا،جېنىم ئاكا ،سەن ھەقىيقەتەن كۈيۈمچان ئىدىڭ ،ئاپام ئالدىراش كۈنلەردە ئۆز قۇلۇڭ بىلەن تاماق ئېتەتتىڭ ،مەن دىگەن ئوغۇل بالا دەپ ھەرگىز ئولتۇرۋالمايتىڭ .شۇنچىلىك ئەدەپلىك ئىدىڭ ،چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننى ھۆرمەت قىلىدىغان،ئززەتلەيدىغان !
شۇنچىلىك شوق ئىدىڭ ،تۇنۇش –بىلىش ،ئۇرۇق-تۇققانلارنى كۈلدۈرۈپ،كۈلكىدىن ئۈچەي-باغرىنى ئۈزۋەتكۈدەك دەرىجىدە شاتلاندۇردىغان  !
شۇنچىلىك ئاق  كۆڭۈل ئىدىڭ ،  غېرىپ-مىسكىنلەرنىڭ ھالىغا يېتىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان !
 ئاكا ،سېنى سېغىنغىنىم ئۈچۈن يالغان ماختىمىدىم ،سەن ھەقىيقەتەن بىزنىڭ پەخىرىمىز ئىدىڭ ! يۆلەنچۈكىمىز ئىدىڭ،تۆۋرۈكىمىز ئىدىڭ ،ئاكا !
سەن ھايات ۋاختىڭدا دائىم ماڭا: << ئۇكام ،تىرىشقىن ،ئادەم قىلالمايدىغان ئىش بولمايدۇ .ئۇتۇق قازانغىنىڭدا مەغرۇرلانما ،مەغلۇپ بولغىنىڭدا ئۆزەڭنى يوقۇتۇپ قويما ،مەن ساڭا يۆلەك بۇلىمەن ،قوللايمەن ،ھەمكارلىشىمەن ،لېكىن شەرتىم : سەن يىغلىما ،پەقەت يىغلىما ! يىغلىغىنىڭنى ئەسلا كۆرگۈم يوق >> دەيتىڭ ئاكا !
 سەن كەتتىڭ، بىزنى تاشلاپ كەتتىڭ ،خوشاللىقىمىزنى ئېلىپ كەتتىڭ ، خۇشناۋالىق ،گۈلزارلىق –بېغىمىزنى ۋەيران قىلىپ كەتتىڭ ،روھىمىزنى سەرسان قىلىپ كەتتىڭ ئاكا !
باغلىرىمىز ۋەيران بولدى ،قۇشلىرىمىز سايرىماس بولدى ،بارچە خوشاللىق سەن بىلەن كەتتى !
جېنىم ئاكا ،سەن بىزنىڭ يىغلىشىمىزنى خالىمايتىڭ ،مېنىڭ يىغلىشىمنى ئەسلا خالىمايتىڭ ،ئەمما بىزنى زار-زار يىغلاتتىڭ !
شۇ كۈنلەردە ،سەن بىزنى تاشلاپ كەتكەن شۇ كۈنلەردە ،دادامنىڭ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتكەنلىرىنى كۆردىڭمۇ ئاكا !
شۇ ۋاقىتلاردا ئاپامنىڭ خۇددىي ئېزىپ قالغاندەك ....بۇلۇپ قالغانلىرىنى كۆردىڭمۇ ئاكا !
تالاي كېچىلەرنى ئۇيقىسىز ئۆتكۈزدۇق ،يىغلىدۇق،زار-زار يىغلىدۇق .چىدىماي يىغلىدۇق ،سېغىنىپ يىغلىدۇق ،ئەسلەپ يىغلىدۇق .ماڭغان يوللىرىڭغا قاراپ   ،كەيگەن كىيىملىرىڭگە قاراپ يىغلىدۇق ....يىغلىدۇق !!
ھەر بىر دوستۇڭ،ھەر بىر ساۋاقدىشىڭ ،ھەر بىر ساڭا ئوخشاشلارنى كۆرسەك يىغلىدۇق ،ئىختىيارسىز يىغلىدۇق ....بۇنى بىلدىڭمۇ ئاكا !
 دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە كەتكەن بولساڭمۇ كېلەر ئىدىڭ ،ئۇزۇن يىللىق ئوقۇغىلى كەتكەن بولساڭمۇ كېلەر ئىدىڭ ،ئوينىغىلى كەتكەن بولساڭمۇ كېلەر ئىدىڭ ،نېمە ئىشلار تۇپەيلى كەتكەن بولساڭمۇ كېلەر ئىدىڭ، ئەمما كەلمىدىڭ ئاكا !  يىغلىدۇق ،قاخشىدۇق ،كۈن ئۆتتى ،ئاي ئۆتتى ،يىل ئۆتتى، يىللار ئۆتتى ...
تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە مىدىراپ يۈرگىنىمىز بىلەن ،سېنى ئەسلىمەيدىغان بىر كۈنىمىز بولمىدى  ئاكا !
 سەندىن ئايرىلىپ ،دادام- ئاپامنىڭ پۇچىلانغان ھالىتىنى كۆرۈپ ،ئۆز –ئۆزەمگە شۇنداق ۋەدە قىلدىم : << مەن بۈگۈندىن باشلاپ ،دادام- ئاپام ئۈچۈن ياشايمەن ،ئۇلارنى خوشال قىلىش مېنىڭ مەسئولىيىتىم ،مېنىڭ بۇرچۇم مېنىڭ ۋەزىپەم ....>>.
ئاكا ۋەدەمدە تۇردۇم ،مەن خوشال ياشىدىم ،دادم-ئاپاملارغا خوشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشتىم .
ھاياتلىق سەپىرىدە 365 كۈن خوشال يۈرۈش مۇمكىنمۇ؟ قايغۇرغان ۋاقىتلىرىم بولدى .ئازاپلانغان ۋاقىتلىرىم بولدى ،تالاي ئىشلار بولدى ،ئەمما ئۆيگە كىرگەندە كۈلۈپ يۈردۈم ،خوشال يۈردۈم ،كۈلدۈرۈپ يۈردۈم ،قىزىقارلىق گەپلەرنى ،يېڭىلىقلارنى دەپ بىرىپ يۈردۈم .
 كۇچا كويلارغىمۇ ئاپامسىز چىقمىدىم ،يالغۇز قويماسلىققا ،ئەنسىرەتمەسلىككە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ كەلدىم  ئاكا !
لىكىن ئاكا،دادام- ئاپام سېنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتمىدى .مەن ھەر بىر قىيىنچىلىققا ،ھەر-بىر ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغانلىرىمدا ئۇلار ماڭا:ئاكىڭىز بولغان بولسا بۇنچە جاپالارنى تارتماستىڭىز ،ئاكىڭىز بولغان بولسا،بۇ ئىشلارنى ئاكىڭىز  قىلاتتى ،،ئاكىڭىز بولغان بولسا ،كۆڭلىڭىز توق تۇراتتى،ئاكىڭىز بولغان بولسا ،بىز سىزدىن ئەنسىرەپلا يۈرمەستۇق ....تالاي تالاي قېتىم دىدى ئاكىڭىز بولغان بولسا .....  مەن يىغلىدىم ،كېچىلەپ –كېچىلەپ يىغلىدىم ،چىدىماي يىغلىدىم ،سېغىنىپ يىغلىدىم ،ئەسلەپ يىغلىدىم ،دادام-ئاپامنىڭ مىسكىن ھالىتىگە قاراپ يىغلىدىم ئاكا  !
ئەتىراپىمدىكىلەر دائىم ماڭا :سىزنىڭ ئوغۇل بالىدەك جېنىڭىز بار ،ھەر قانداق ئىشنى قىلالايسىز ،ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالايسىز دەيدۇ .
  مەن ھەقىيقەتەن تىرىشىمەن ،ئىزدىنىمەن ،تەۋەككۈل قىلىمەن ،دادام- ئاپام ئۈچۈن ! ئۆزەم ئۈچۈن ! مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ دىگىنىم ئۈچۈن !
  ئاكا، مەن سېنى سېغىندىم ،ھايات بولغان بولساڭ ،بىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلاتتۇق ،خوشال ياشايتۇق ،ئۇتۇق قازىناتتۇق .
  سەن ھايات ۋاختىڭدا بىز نۇرغۇن قىزىقارلىق ئۇيۇنلارنى ئوينىغان ،مەن ئوينىغان !
 سەن بىزنى تاشلاپ كەتكەندىن كېيىن ،ئوينىغان ئۇيۇنلارنى بىلمەيمەن ، ئېچىلىپ-يېيىلىپ ،ھەقىيقى كۈلۈپ باققىنىمنى بىلمەيمەن.كۈلىمەنيۇ بۇ كۈلكە يۈرەكتىن چىقمايدۇ ....
ھايات مۇساپىمىزدە نۇرغۇنلىغان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تەسەلليسىگە كۆيۈنىشىگە،يېتەكلىشىگە ئېرىشتۇق ،خوش بۇلۇپ يىغلىدىم .
نۇرغۇنلىغان تىلى شىكەر ،دىلى زەھەرلەرگە ئۇچۇردۇق ،ھۆر-ھۆر يىغلىدىم .
يەنە  : << ئاكىڭىز مەن شۇ ،مەن ئاكىڭىز بۇلاي ،مېنى ئاكام دەپ بىلىڭ >>  دىگەنلەرگە ئۇچۇردۇم ،ئەمما سەندەك بولمىدى ئاكا !
سەندەك سەمىمىي،سەندەك شەخسىيەتسىز ،سەندەك ئەخلاقىي پەزىلەتلىك سەندەك ئاقكۆڭۈل، سەندەك غۇرۇرلۇق،سەندەك ۋىجدانلىق ،سەندەك كۆيۈمچان ،سەندەك راستچىل بولمىدى ئاكا !
ئۇ << ئاكام >> خەقلىكىنى قىلدى .يۇقىلاڭ بانا-سەۋەپلەرنى كۆرسۇتۇپ مېنى ئازاپلىدى ،مېنى يىغلاتتى ، مېنى قارلىدى ،مېنى ھاقارەتلىدى سېنى ئەسلەتتى ئاكا ! سېنى ئەسلەتتى  !!
ساڭا ۋەدە بېرەي ،ئەمدى يىغلىمايمەن ياتلاردىن  ئۈمۈت كۈتمەيمەن دادام-ئاپام ئۈچۈن ،قىزىم ئۈچۈن ياشايمەن كۈلۈپ ياشايمەن !
مەن شۇنچە ئاجىزمۇ؟ شۇنچە بوشاڭمۇ ئاكا ؟! يىغلاپ تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن،يېزىپ تۇرۇپ يىغلاۋاتىمەن ، مەن يەنە يىغلىدىم !

                                2017.2.8
     





153 قېتىم كۆرۈلدى مەريەم كەنجى ھىدايى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-12 6:23:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-2 17:00:38 نۇرېمانگۇل
مېن بۇ ئەسەرنې بەك يەكتۇردۇم بەك تەسېرلڭك يېزلېپتۇ، رەىمەت
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ