بۇنى كىم بىلسۇن؟ - مۇھەممەدئەلى ھاجى

بۇنى كىم بىلسۇن

 

 مىكىرو نەسىر

 

 مۇھەممەدئەلى ھاجى

 

ئەجەپمۇ قاراپ كەتتىم ئەتىراپىمغا، يۇللارغا،ئۇچۇپ كىتىۋاتقان قۇشلارغا. نىمىگە شۇنچە قارايمان؟ بۇنى كىم بىلسۇن؟

ھىچ بىر كىشىنىڭ كەلمەك بولغېنى ئىسىمدە يوق. ئەمما شۇنچىلىك تەلمۈرۈش ئىلكىدە ھەريانغا قاراپ كىتىۋاتقىنىمغا ئۈزۈممۇ ھەيران، كىشىلەرنىڭ ھىچ بىر سۆزلىرى قۇلقۇمغا كىرمەيدۇ، لىكىن ئۇللار توختىماي بىرنىمىلەرنى دىيىشىدۇ ؛ ھەئە شۇنداق دەپ قۇيۇمەن. ئۇلارنىڭ ساقىيىپ قالارسەن، دىگەندەك سۆزلىرى كۆڭلىمنى يېرىم قىلىدۇ. ئىچىمدە بىر نەرسە بار ،ئۇ نىمە؟ بۇنى كىم بىلىسۇن؟

يۈركىمنى توختىماي تاتىلايدۇ، بارچە ئەزالىرىمدا توختماي لۆمشىيدۇ، بارچە ھىس تۇيغۇلىرىمنى كىچچىكىنە بىر يەرگە يىغىپ مىجىيدۇ، قانلار بىلەن زەرداپقا ئايلاندۇردۇ،بۇ نىمىدۇ؟ بۇنى كىم بىلسۇن؟

ھەر مىنۇتلارنى ئىزتىراپقا سالغان، ھەر سائەتلەرنى تەلمۈرۈشكە قېستىغان، ھەر كۈنلەرنى مىسكىنلىككە تولدۇرۇپ مىنى بۇنچە بىچارىلەرچە ھالەتكە مەھكۇم قىلغان ئۇ نەرسە زادى نىمىدۇ؟ ئۇ مەندىن روھىمنى تارتىۋالغان زادى نىمىدۇ؟ ئۇ بۇلاڭچىمىدۇ؟ ئۇ بىر زالىم شاھمىدۇ؟ ئۇ بىر قانخور قاراقچىمىدۇ؟ئۇ ئىنسان قەلبىنى ۋەيران ئەيلىگەن ئەپسانىمىدۇ؟ بۇنى كىم بىلسۇن؟

تىلىفۇن قۇلمدا ھەر سىكىنۇتلار قۇلۇمدا،ماشنامنى ئۇنتۇپ قېلىپ پىيادە كەتكەن چاغلىرىم نۇرغۇن، لىكىن تىلىفۇن ھەر دەقىقە قۇلۇمدا؛ توختىماي قارايمەن. ھازىر قارايمەن، بېشىمنى كۈتۈرۈپ ئەتىراپىمغا قارايمەن، بېشىمنى تۈۋەن قىلىپ يەنە تىلىفۇنغا قارايمەن…مەن نىمىگە شۇنچە قارايمەن؟منىڭ دۇنياسىم، مىنىڭ ھاياتلىقىم مۇشۇ كىچچىككىنە مەۋھۇمغا شۇنچە باغلىنىپ قالغانمىدۇ؟ ئەخىبا بۇ ھاياتتىكى شۇنچە كۆپ ئىشلار، شۇنچە كۆپ ئادەملەر مىنى بۇ كىچچىككىنە چەمبىرەكتىن قۇتۇلدۇرۇپ قاللالماسمۇ؟ ئەجىبا مەن مۇشۇ چەمبىرەكتە يۈركۈم جىجىلىۋاتقاندەك ھىسلاردا ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرارمەنمۇ؟ بىرلىرگە ئېيتقۇم كىلىدۇ، قۇچاقلاپ قانغۇچە يىغلىغۇم كىلدۇ، شۇ يىغلىغىنمچە مەڭگۈلۈك ئۇيقىلارغا كەتكۈم كىلىدۇ. نىمىگە يىغلۇغۇدەكمەن؟ بەلكىم ئىچىمدە ياشاۋىرىپ ئاجىزلاپ كەتكەندىمەن…كىمگە، نىمىنى ئېيتىمەن؟نىمە دەپ يىغلايمەن؟ بۇنى كىم بىلسۇن؟

بەلكىم مىنىڭ بىرەر نېرىپ تۇمۇرلىرىم ئىتىلىپ قالغاندۇ،ياكى مەن ئۇخلاۋاتقاندىمەن، بەلىكىم مىنى قارا باسقاندۇ،ھەريانغا تولغۇنىپ ئويغىنالمايۋاتقاندىمەن؟ قارا چۈشتىن ئويغىتىۋىتىشكە بىرلىرىنى ئىزدەۋاتقاندىمەن؟ بۇنى كىم بىلسۇن؟

مەن نىمنى خاتا قىلدىم؟ئىنسان خاتادىن خالى ئەمەسقۇ،خاتالىقلىرىم كۆپتۇر…مەن ھىچنىمە بولمۇدۇم،مەن ھىچىكىمگە ھىچنىمە دىيىشنى خالىمايمەن، بەلكىم مەن بەكمۇ ئاجىزدىمەن، ياكى ئاغرىپ قالغاندىمەن، بۇنى كىم بىلسۇن؟

ھاياتنى قانداق داۋاملاشتۇرۋاتمەن، مەن ياشاۋاتامدىم؟مەن نىمە قىلىۋاتمەن؟ مەن شۇ ھىچ كىشىگە ئېيتالمىغان دەردىم بىلەن كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ كىتىپ بارمەن كەچ بۇلۇدۇ، تاڭ ئاتىدۇ. تاڭ ئاتىدۇ كەچ بۇلۇدۇ.. ھاياتلىق شۇنداق داۋاملاشماقتا. بەلكىم ھايات يوللىرىڭدا يېڭىدىن ھەمىراھلىرىڭ بولغاندۇ، بەلكىم كۆڭلۈڭ خۇشال خاتىرجەملىكتە ئۈتۋاتقاندۇ.. بەلكىم مىنى ئويلاپ قالساڭ كۈلۈپ قۇيدىغانسەن، لىكىن ھەرگىز كۈلمىگىن! مىنى ئەخمەق دىسەڭمۇ، ساراڭ دىسەڭمۇ ھەتتا بىرەر ھايۋان دەپ قارساڭمۇ ئۈزۈڭنىڭ ئىختىيارى، لىكىم مەن سىنىڭ باشقا بىرىگە، مىنىڭدەك بىر ھالەتتە باغلىنىپ قېلىشىڭنى،مىنىڭدەك ئۈزۈڭنى يۇقۇتۇپ قۇيۇشىڭنى ھەرگىزمۇ ئچىمگە سىغدۇرالمايمەن…ھەرگىز كۈلمىگىن! سەن مىنى ئويلىساڭ بەلكىم قايمۇقۇپ قالدىغانسەن؟ شۇنداق، سەن مىنى ئازىراقمۇ چۈشەنمەيسەن، مىنىڭ ھايات يۇلۇم شۇنچىلىك قاراڭغۇ، شۇنداق! چەكسىز قاراڭغۇلۇق…بۇ ھەرگىزمۇ شۈكۇرسىزلىك ئەمەس. سەن ماڭا نىسبىتەن بىر يۇرۇق يۇلتۇز،ياق يۇلتۇز نۇرى بەكمۇ ئاجىز سەن يوللىرىمنى يۇرۇتقان قۇياشقا ئوخشايسەن!!!كىمنىڭ يۇرۇقلىقتىن ۋاز كىچىپ زۇلمەت قاراڭغۇسىدا قالغۇسى بار؟بۇنى كىم بىلسۇن؟

بەلكىم مەندىن كۆپلەپ سۇئاللارنى سورغۇڭ كىلەر، لىكىن ھەممىگە قايىل قىلارلىق جاۋاپلىرىم بار!بەلكىم مىنى باشقا بىرلىرىنىڭ قېشىغا كەتكەنسەن دىيىشىڭ مۇمكىن؟ مۇمكىنمۇ؟بۇ ھاياتقا ئادەم بۇلۇپ تۈرىلىپ سەن بىلەن بىرگە يۈرگەن، سەن بىلەن پاراڭلاشقان چاغلاردەك بەختىيار،خۇشال-خۇراملىققا تولغان چاغلىرىمنى بىلمەيمەن، كىسىپلا ئېيتىمەن ئىككىلا دۇنيادا گۇۋاھلىق بىرمەن ھەرگىزمۇ بىلمەيمەن. سىنى ئۈزۈمنىڭ بىر نىمىسى كەلگۈسۈمدىكى گۈل تاجىم دەپ ئويلىغانلىرىمدا بولسا ئىچىمگە پاتماس ئىدىم.. بىرلىرىگە رەھمەت ئېيتقۇم كىلەتتى، مىنى شۇ بەخىتلىك ھىسلارغا يېقىن قىلغان زاتقا كۆزلىرىمدە توختىتالمىغان ياشلىرىم بىلەن تەبەسسۇم قىلىپ تۇرۇپ،كۆككە قارغىنىمچە ئۈنسىز رھمەت ئېيتاتتىم. مەن نىمىلەرنى دەپ كەتتىم؟ ئىچىمدىكىسى سەن بولغىيمىتىڭ؟ بۇنى كىم بىلسۇن؟

سىنى بەكمۇ سېغىندىم، سىنى ئويلىسام تىنالماي قالمەن. نىمىشقا دەمسەن؟ سىنىڭ: سەن ياخشى كۆرگەچكە سىنى تاللىشىم كىرەكمۇ؟؟؟ دىيىشلىرىڭ ئىسىمگە كەلسە دۇنيادىن يۇقاپ كىتىمەن.. مىنى بۇ يېشىمدا، بۇ ھالىمدا رەبىمىز ساڭا نىمىگە ئۇچراشتۇردىكىنە؟نىمىگە مىنى ساڭا بۇنچە باغلاپ قويدىكىنە؟بىرەر سەۋەپلىرى باردۇر؟بۇنى كىم بىلسۇن؟

سەن تەرەپكە قارغىنىمدا يوللىرىم قاتمۇ-قات تۇسۇقلارغا تولغان،چەكسىز بىر يول..بۇ يوللارنىڭ ئۇ قېتىدىكى سەن:نىمە بولدى؟ دىگەن ھەيران قىلىش ئىپادىسىدىكى سەن..ئۇف…يەنە خىيالغا كەتتىم.. مەن نىمە بولدۇم؟ بۇنى كىم بىلسۇن؟

بۇ كىچىلەردە ساڭا يازغان خەتلىرىم مۇشۇنداق كۈلكۈلىك،ساراڭلارچە خىياللار بىلەن تولغان،قانداق قىلاي ؟ ھەمىنى ئىچىمگە يۇتۇپ بالدۇرلا ئۈلۈپ كىتىشنى خالىمايمەن، مىنىڭ ئۇزاقراق ياشغۇم بار ئىگىسى خالىسا،ھېلىقى گۈزەل ھىسلاردا يەنە ئۇزۇن ئۇزۇن ياشغۇم بار، ئۇ ھىسلار راسىت بولغىيمىتى؟ بەلكىم راستۇر، بۇنى كىم بىلسۇن؟

دائىملا يېزىپ ئۈزۈمگە ئەۋەتىمەن، ئەتىسى ئۇقۇپ چىقىمەن ۋە ئۈچۈرۈپ تاشلايمەن.شۇنداق قىلسام ئازراق يىنىكلەپ قالمەن . ساراڭلىقىم تۇتقان بىر كۈنى ساڭىمۇ ئەۋەتىپ قېلىشىم مۇمكىن، بۇنى كىم بىلسۇن؟





308 قېتىم كۆرۈلدى missran ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-25 4:10:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ