مىنى توپقا چىللىغان قايسىڭ؟
(شېئىر)
شەمشادبەگ
مىنى توپقا چىللىغان قايسىڭ؟
كىردىم توپقا قەدەمنى ئېلىپ.
بىلەلمىدىم بىلمىدىم پەقەت،
كەتتى كۆڭلۈم ئەجەپمۇ تېلىپ.
مىنى توپقا چىللىغان قايسىڭ؟
چىللاپ قۇيۇپ پەقەت يوق كارىڭ.
قوللاش تۇنۇش، قوللاش ئۆز-ئارا،
بۇقانداق گەپ، قالمىدى ھالىم.
مىنى توپقا چىللىغان قايسىڭ؟
ئېيتە قۇللاش زادى شۇنداقمۇ؟
ئادەم كۆپۇ لىكىن تۇنۇش ئاز،
تۇنۇشماسلار سىرتتا قالدۇقمۇ؟
مىنى توپقا چىللىغان قايسىڭ؟
قوللىشامدۇ تۇنۇش بىلىشلەر.
يىتىم قالدى يوللىغان يازمام،
ئۈزۈلمەستىن ماختاپ كۈلۈشلەر.
مىنى توپقا چىللىغان قايسىڭ؟
ئادەم يىغىپ نىمە قىلماقچى؟
كۈڭۈل قۇيۇپ يازغان يازمىنى،
مەخسەتمىدۇ يىتىم قويماقچى.
مىنى توپقا چىللىغان قايسىڭ؟
ئېيتە مەخسەت نىشانىڭ نىمە؟
دىمەي دىسەم ئۇنىماي قويدى،
توپلار ئېقىن كۈڭۈل بىر كىمە.
مىنى توپقا چىللىغان قايسىڭ؟
بولدى كۆڭلۈم ئەجەپ پەرىشان.
بارنى دىدىم يوقنى يازمىدىم،
مەن بولغاچقا ئاجايىپ ھەيران.
ــ شەمشادبەگ
2016-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى كېرىيە
47 قېتىم كۆرۈلدى | شەمشادبەگ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-22 1:46:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|