بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ - نادىر - ھەربىر ئۇيغۇر كۆرگىچە تارقىتايلى

بىز  يۈرمەيلى  چاندۇرۇپ

 

- ھەربىر ئۇيغۇر كۆرگىچە تارقىتايلى 

 

يازغۇچىلار تورىدىن مەمەتجان   يىمىت يازمىسى

www.yazghuqilar.com

 

بىرى تۇرسا ئ‍ورنىدىن، بىز قويىمىز ياتقۇزۇپ ،

 بېرى ئ‍اچسادۇكانلار ، بىز قويمىدۇق پاتقۇزۇپ .

 بىرى تىكلىسە ئ‍ىرادە، بىزلەر قويدۇق ياندۇرۇپ،

 ئ‍ويلا ھەر بىر ئ‍ۇيغۇرۇم، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .

 

بىرى تاپسا مال- دۇنيا، كۆرەلمىدۇق كۆز قىزىرىپ،

 ھەتتا ھارام ئ‍ارلاشتى، نەلەردىندۇ گەپ تېپىپ.

 ھەقنى دېمەي يالغاننى، بىز يۈرىمىز ئ‍ەپ - سېتىپ،

 قوللاڭ ھەق پۇل تاپقاننى، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ . 

 

 قىلالمايمىز چوڭ ئ‍ىشنى ، كىچىكىنى ياراتماي ،

 ھەق سۆزلىسە بىراۋلار، ئ‍ۆزىمىزگە يولاتماي .

 يانچۇقىمىز بەك قۇرۇق، تىرىشايلى ئ‍ولتۇرماي،

ئ‍ىزدىنەيلى ئ‍ۇيغۇرۇم، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ . 

 

 دوس دېگەنلەر ئ‍ۆز-ئارا ، كولاپ قويدۇق ئ‍ورىنى،

بۇنداق قىلساق دوسلۇقنىڭ، قانداق سالىمىز ئ‍ۇلىنى.

 ۋىجدانى يوق بۇرادەر ، رەسۋا بولۇر ئ‍اخىرى،

ۋاپادار بوپ ئ‍ۆتەيلى ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ . 

 

 بىرەر سوراپ قويمىدۇق ، ئ‍اتا -ئ‍انا ھالىنى ،

 بىزلەر ئ‍ويناپ يۈرىمىز ، باققۇزۇپ ھەم بالىنى.

 ئ‍ۇلار تارتىپ يۈرەرمۇ ، بىر ئ‍ۆمۈرگە جاپانى،

 كۆيىنەيلى ئ‍ۇلارغا ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ . 

 

 ئ‍ەرلەر كەچتە يۈرىمىز ، ھاراق ئ‍ىچىپ قاۋاقتا،

 ئ‍ۆيگە قايتىش ئ‍ۇنتۇلۇپ، قونۇپ قالدۇق ياتاقتا.

 بىزنى ساقلاپ ئ‍اياللار، ئ‍ۇخلىيالماي تاڭ ئ‍اتسا ،

ئ‍ويلا ئ‍وبدان ھەي ئ‍ەركەك، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ. 

 

 قىمار ھۇشۇق ئ‍وينىدۇق، يانچۇقتىكى ئ‍از پۇلغا،

 گەر قالمىسا يانمىدۇق، ھۆججەت يېزىپ نېسىيغا.

 لېكىن ياردەم قىلمىدۇق، ھالى مىسكىن يوقسۇلغا،

 ئ‍ويلىنايلى ھەي مىللەت ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ . 

 

 بالىلارغا ئ‍ۆگەتتۇق ،ئ‍ىنگىلىز ھەم خەنزۇچە ،

 سۆزلىيەلمەس لىكىن ئ‍ۇ ،ئ‍انا تىلدا ئ‍ۇيغۇرچە.

 مىللەت تىلى ئ‍ۇنتۇلغان، شەرەپمىدۇ سېنىڭچە،

 ئ‍ەجدادىمىز ئ‍ۇيغۇرغۇ ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ . 

 

 بىرى قىلسا ھەشەملەر ، بۇزۇپ چېچېپ تاپقاننى،

يوق بولسىمۇ دورىدۇق ، ئ‍ىزدەپ تېپىپ بارىنى.

بىزگە شۇنداق دوراشلار ، زىيان سالۇر ھامىنى،

 ئ‍ويلا ھەر بىر ئ‍ۇيغۇرۇم ،بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ . 

 

 ئ‍اكا- ئ‍ىنى قېرىنداش ، ئ‍ۇرۇشىمىز مىراس دەپ،

 شۇ سەۋەپلىك ئ‍ۆز-ئارا، قالدى نۇرغۇن ئ‍اچچىق خەپ.

 لېكىن ئ‍ويلاپ باقمىدۇق ، بىزدىنمۇ ھەم قالۇر دەپ،

 ئ‍ىجىل ئ‍ۆتسۇن قېرىنداش ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .

 

قىزلار كەيسە كالتىنى، بىز قوللىدۇق مودا دەپ ،

 ھەتتا ھارام ساتقاننى، بىز قوللىدۇق سودا دەپ.

 بۇنداق ئ‍ىشنى كۆرگەندە، كەملىق قىلۇر ئ‍اچچىق گەپ،

 ئ‍ويلا ۋىجدان ئ‍ىگىسى ،بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ . 

 

 قىزىڭ تاپسا بىر يارنى ، ياراتمىدۇق يېزىنى ،

 ھەتتا سوراپ يۈرىمىز ،يىگىتنىڭ پۇل ھالىنى .

 ئ‍اشۇ قىزلار تاپامدۇ ، پۇل مال بىلەن بەختىنى ،

 ئ‍ويلاڭ ئ‍اتا- ئ‍انىلار ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ . 

 

 ئ‍ايال ماڭدى كەچقۈرۇن ،ئ‍ولتۇرۇش بار قاتار چاي ،

قاچانلاردا قېتىلدى ، بىزدە يوقتى ئ‍ۇنداق چاي .

بېرىپ كىرىپ كېتىدۇ ، تېپىپ شۇنداق خىلۋەت جاي ،

 ئ‍ويلا ھەر بىر ئ‍ەركەكلەر ،بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ . 

 

 باغاق كەلسە كەچلىككە ، ئ‍ەر - ئ‍ايال تەڭ ماڭىمىز ،

 ئ‍ۆيدە سەبى بالىنى ،گايى ئ‍اچ - توق قويىمىز .

قايتىپ كەلسەك سورامدۇق ،قانداق بالام ھالىڭىز،

 ئ‍وقۇسۇن ئ‍ۇ بالىمىز ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ . 

 

 ھەممىسىنى دېمىدىم ،راسلا باردۇر بەزىسى ،

ياخشى گەپتە ئ‍وڭشالماس ، بۇ زاماننىڭ بەزلىرى.

قاچان ئ‍ادا قىلىمىز ، ئ‍ۇشبۇ ھايات قەرزىنى ،

 ئ‍ويلا ئ‍ەقىل ئ‍ىگىسى ،بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .

 

بىزلەر بولساق ئ‍ەۋلاتنىڭ ، كەلگۈسىنىڭ ئ‍ۇستازى ،

 بىزلەر قانداق ماڭغاندا ، شۇنداق بالا ئ‍ىزلارى .

 بىز ئۇلارنى قىلايلى ، تەشنا بىلىم خۇمارى ،

ئ‍ۆگەنسۇن ھەم نەۋرىمىز ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ.

 

مەمەتجان يىمىت مەنزىلىم ~سەن

 ئ‍ۈندىدار : qin akida 212





439 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان يىمىت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-4 22:26:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-11 21:41:15 نۇرگۈل 1830901572
بۇ شېئىر بەك ياخشى چىقىپتۇ .بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ ،ئاپتورى :مەمەتجان خالىسىڭىز مىنى ئ‍ۈندىدارغا قاتسىڭىز 1830901572سىزگە تەكلىپ -پىكىرىم باتتى
2015-10-5 2:11:23 bigubar
bak yahxi mazmunkan.rahmat.
2015-10-5 1:50:55 bigubar
hakikatan yahxi yeziliptu.bak yakturdum.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ