ئەمدى توختات ئويۇننى بولا
مېھىرنىسا قۇربان
ئوينايدىغان ئويۇنۇڭ تولا،
تۇرمۇشۇڭنى تاشلىما بولا.
ئويۇن ئويناپ ئۆتەمدۇ كۈنۈڭ؟
ئەمدى توختات ئويۇننى بولا!
چوڭ بولدۇڭ سەن قىرىقتىن ئاشتىڭ،
ئويۇن ئۈچۈن پۇل بۇزۇپ چاچتىڭ.
ئويۇننى دەپ توغرىدىن قاچتىڭ،
ئەمدى توختات ئويۇننى بولا.
ئويۇن ئويناپ ئىشلىرىڭ چالا.
قەدىمىڭگە يولۇڭغا قارا.
ئەمەسقۇ سەن يا نادان بالا،
ئەمدى توختات ئويۇننى بولا!
ئويۇن بىلەن ئالدىراش كۈندە،
كۈندۈز يەتمەي ئوينايسەن تۈندە.
ئويلىمايسەن سەن قانداق بەندە؟
ئەمدى توختات ئويۇننى بولا!
ئويۇننى دەپ ھەممىنى ئۇنتۇپ،
ھەتتا كەتتىڭ ئۆيۈڭدىن توزۇپ.
راست سۆزلىمەي يالغاننى توقۇپ،
ئەمدى توختات ئويۇننى بولا!
ئەسقاتمايدۇ ئۇنۇتما ئويۇن،
بىلسەڭ ئويۇن ئېزىتقۇ قۇيۇن.
ئەگمە ھەرگىز ئويۇنغا بويۇن.
ئەمدى توختات ئويۇننى بولا!
ئويلا ئەمدى خوتۇن بالاڭنى،
ئېغىلدىكى سېغىن كالاڭنى.
كۆرسۇن ئۇلار سېنىڭ قاراڭنى،
ئەمدى توختات ئويۇننى بولا!
ئويۇن بىلەن ئۆتمىسۇن ۋاقتىڭ،
ۋاقتىڭ كەتسە كېتەر ھەم بەختىڭ.
ئويۇننى دەپ يۈتمىسۇن تەختىڭ،
ئەمدى توختات ئويۇننى بولا!
2016-9-21 غۇلجا شەھىرى
29 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-21 23:35:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|