چەكمىگىن ئازاب - ئەسقەر قۇربان

 

چەكمىگىن ئازاپ

 

ئەسقەر قۇربان

 

چەكمىگىن نىگارىم پىغانلىق ئازاپ،

قىش كەتسە باش باھار كېلىدۇ يەنە.

 ئازاپلىق يېشىڭنى سۈرتىۋەت ئەمدى،

 چېھرىڭدە پارلىسۇن خوشاللىق كۈلكە.

 

 قىش كەتسە باش باھار كېلىدۇ يەنە،

 دۇنيادىن ئاغرىنىپ مۇدھىشقۇ دىمە.

 بەك ئېغىر سۈكۈتكە چۆمۈپ كەتمىگىن ،

 بەختلىك كۈنلەرمۇ كېلىدۇ يەنە .

 

دۇنيادىن ئاغرىنىپ مۇدھىشقۇ دىمە،

 سۆيگۈسىز بۇ ھايات قانداق ئۆتىدۇ.

 ئازاپتىن ئۆزۈڭگە تاپساڭ تەسەللىي،

ھەرقاچان بۇھايات كۈلۈپ باقىدۇ.

 

 سۆيگۈسىز بۇھايات قانداق ئۆتۈدۇ.

 ھاجىتى قالمىدى ساقلاشنىڭ دىمە.

 كۈتۈشنىڭ ئۆزىمۇ شۇنچىلىك شىرىن ،

 بەختنىڭ ئىشىكى چىكىلەر يەنە .

 

مەنبە : كۈندىلىك خاتىرەمدىن

2016.2.18

 





140 قېتىم كۆرۈلدى ikbal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-28 10:04:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ