بىر ئاشىقتىن ئاڭلىغانلىرىم
بىر ئاشىقنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىدىن... ــــ قەلەم ئالدىم قولۇمغا، ئىلاج بولمىغاچ، ساڭا دىلنى تەسۋىرلەشكە تىلىم بارمىغاچ. ئېيتاي ساڭا دەردىمنى ئاڭلىغىن جانان، ھىچكىم مېنىڭ سۆزۈمنى ئىلىك ئالمىغاچ. ـــــــــــ ........ سەن بولساڭمۇ چۈشەنگىن، نازۇك دىلىمنى، بىر ئاجىزە ئاشىقمەن، بىلگىن قەلبىمنى. خاتا ئويلاپ قالدىڭ مېنى قايتىدىن ئويلا، ئۆزگىلەرنىڭ سۆزلىرى، ئەزدى دىلىمنى. ــــــــــــــــــ .............. مېنى سۆيسەڭ چىن دىلىڭدىن ئويلاپ كۆرمەمسەن، ئۆزگىلەرنىڭ سۆزلىرىگە پاكىت تاپمامسەن. بىلمەس بولۇپ يۈرگۈنۈم راس مۇھەببىتىڭنى، مېنى ساڭا ئەجىبا چىدايدۇ دەمسەن. ــــــــــ ................ يۈرەكىمدە ساڭا چوڭقۇر مۇھەببەت بار، تەسۋىرلەشكە تىلىم ئاجىز ئەقىدەم بار. مېنى چۈشەن يۈرەگىڭدىن ئەي ئەزىزەم، ساڭا مەڭگۈ سادىق بولۇش ئىرادەم بار. ـــــــــــــــ ............... يارغاـ يار ئوخشاش ئەمەستۇر بىلسەڭ، سەن ئۈچۈنلا ياشىسامكەن قەدىرلىسەڭ. ئارزۇيۇمنى ئېيتاي دىسەم تىلىم كۆيەر، چوڭ مەنا بار خەتلىرىمدە قايتىلاپ كۆرسەڭ. ــــــــــــــــــ ................ بولدى قىلاي ئەمدى ساڭا كۆپ سۆزلىمەي، بىلىملىكسەن ئىشىنىمەن، كۆپ ئويلىماي. چۈشىنىسەن بۇ سۆزلەردىن مەقسىدىمنى ، ئېيتماي ساڭا سۆزلۈرۈمنى، غەم تارتىپ يۈرمەي. ـــــــــ باشلامچى ـــــــــــ



186 قېتىم كۆرۈلدى baxlamqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-13 14:49:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ