ئاق قۇچقاچ
ئاق قۇچقاچ
 
(ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم)
 
ئاق قۇچقاچقا مەن ئامراق،
ئەسلى يۇرتتى بۇ بولغاچ.
قېشۇ-يازۇ يېنىمدا،
سۆيگۈ مىھرى بار بولغاچ.

تۇپراق سۆيگۈ شۇنىڭدىن،
يىلدىز تارتقان ئۇنىڭدىن.
قېش-زېمىستان دىمەستىن،
زوق ئالىمىز ئۇنىڭدىن.

قاتتىق،يۇمشاق دىمەيدۇ،
سوغ-شامالدىن بۇراندىن.
بارغا شۈكرە ئەيلەيدۇ،
مىھرى ئوتلۇق تۇپراقتىن.

تاللىمايدۇ ئۇ شۇنداق،
ئۆزى ياشغان ماكاندىن.
رازى بۇلۇپ ھەم شۇنداق،
ئۇۋ سالىدۇ ئورماندىن.

مۇشەققەتلىك تۇرمۇشتا،
ۋايسىمايدۇ ھېچ قاچان،
قىش-باھارى دىمەستىن،
سۆيگۈنىدۇر بۇ ماكان.

ئىنسان بولساق بىزمۇ ھەم،
شۇنداق بولساق بولماسمۇ؟
قىش-زېمىستان دىمەستىن،
سۆيسەك ۋەتەن بولماسمۇ؟

ئاق قۇچقاچتەك بىرلىكتە،
سۆيگۈ بەرسەك بولماسمۇ؟
ئاچچىق تاتلىق دىمەستىن،
ئۆزنى بىلسەك بولماسمۇ؟
 
ــــ شىپائى 2016- يىلى 29-يانۋار
ئۈندىدار: 13999215195





135 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-29 23:05:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ