ھاراقكەشنىڭ
خەلچەم خېلىل
تۈگىمەسكەن باھانىسى ھاراقكەشنىڭ،
ئاتماس ئىكەن يا ئەتىسى ھاراقكەشنىڭ،
پايتىمىسى سېسىق ئىكەن ھاراقكەشنىڭ،
ئاغىينىسى بېسىق ئىكەن ھاراقكەشنىڭ.
مەس بولغاندا بۇزۇپ كەتسە ناخشىلارنى،
قارا سۈرتۈپ سېتىپ كەتسە ياخشىلارنى،
كەلتۈرىمەن كۆز ئالدىمغا باخشىلارنى،
خۇي مىجەزى پاسىق ئىكەن ھاراقكەشنىڭ. .
ئەڭ مۇھىمى يا بىر پىلان غايىسى يوق،
جورا بۇلۇپ مۇڭسىرايسەن سايىسى يوق،
ھاياتىڭغا بىر پۇڭلۇقمۇ پايدىسى يوق،
ئائىلىسى بەخىتسىزكەن ھاراقكەشنىڭ.
ۋۇجۇدىدا ساداقەتتىن ئەسەر يوقكەن،
ئاتا ئانا ،خۇتۇن بالا ئاڭا سەتكەن،
ئاڭا يار بوپ ئازاپ تارتىش بەك دەھشەتكەن،
ساتاي دىسەڭ خېرىدار يوق ھاراقكەشنىڭ.
ئىچىۋېلىپ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتسا،
سەۋەپسىزلا ئىزا ئىشتىپ تاڭلار ئاتسا،
ئاكا- ئىنى خىزمەتداشتىن كۈنلەۋاتسا،
چىشلىرىنى تۈكىۋەتسەم ھاراقكەشنىڭ.
ئەللىك ياشتىن ئاشقاندىمۇ تۈزەلمىسە،
تۈلىگەن شۇ بەدەللىرىڭ يا يەتمىسە،
مەدىنيەتسىز تىللار بىلەن بەك سەتلىسە،
تىللىرىنى كەسكىڭ كىلەر ھاراقكەشنىڭ.
ئەل ئالدىدا زەررىچىلىك ئىناۋەت يوق،
ئائىلە دەپ ئويلانمايدۇ تاپاۋەت يوق،
مەڭگۈ ساڭا بۇنىڭ بىلەن راپاۋەت يوق،
يوق بولغىنى پاراغەتتۇر ھاراقكەشنىڭ.
ئىچىۋالسا تىزەك ئاڭا گۈل كۈرۈنەر،
يات بىروۋنى جان جېنىدىن ئەزىز بىلەر،
كۈنلەپ كۈنلەپ ئۈيىنىمۇ ئۇنتۇپ يۈرەر،
كۆزلىرىنى ئۇيىۋالسام ھاراقكەشنىڭ.
يازاي دىسەم قەلەملىرىم توختىمايدۇ،
ئۇنىڭ بىلەن كۈنمۇ كۈنگە ئوخشىمايدۇ،
ھەپتە ئارلاپ كىچىلەردە ئۇخلىمايدۇ،
ئۆمۈرى كۈتە چالا ئىكەن ھاراقكەشنىڭ.
يازماي دىگەن دەردىم بولغاچ يېزىپ كەتتىم،
خەق ئۇقىسا نىمە دەيدۇ، ئېزىپ كەتتىم.
ئۈزەمنى بىر يالغۇز گىيا سىزىپ كەتتىم،
مېھرى ساڭا ئاش بولمايدۇ ھاراقكەشنىڭ.
255 قېتىم كۆرۈلدى | خەلچەم خېلىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-6 2:14:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-15 1:18:08 | ajigul |
بەكلا ياخشى كۆرىدىغان ئەسەركەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|