ئانا مېنى تۇغقان كۈنۈڭ مۇبارەك (شېئىر) - ​ شاھى مەردانى

ئانا مېنى تۇغقان كۈنۈڭ مۇبارەك
 شاھى مەردانى 


كەلدى مانا تۇغۇلغان كۈنۈم ،
ئانا مېنى تۇغقان كۈنۈڭ مۇبارەك ،
سەن بولغاچقا كۈندۈز ۋە تۈنۈم،
ئانا مېنى تۇغقان كۈنۈڭ مۇبارەك.

مېنىڭ ئۈچۈن باغرىڭ ئانا گۈل بوستان،
گۇۋاھ بولۇر شۇ سۆيگۈمگە يەر ئاسمان،
پەخىرلىنەي سېنى يېزىپ بىر داستان،
ئانا مېنى تۇغقان كۈنۈڭ مۇبارەك .

سوۋغام بولسۇن دۇنيادىكى گۈل-گىياھ،
شۇ مېھرىڭگە تەڭ بولالماس تاغ دەريا.
تەرىپلەيدۇ دوكتور ئالىم ئەنبىيا ،
ئانا مېنى تۇغقان كۈنۈڭ مۇبارەك.

ھەر لەھزىدە ماڭا ھەمراھ بوپ سايە ،
مېنىڭ ئۈچۈن گۈزەل ئۈلگە بىر غايە،
دۇئالىرىڭ ماڭا مەڭگۈ كۇپايــــــــــە،
ئانا مېنى تۇغقان كۈنۈڭ مۇبارەك.

2017 ــ يىلى 4 ــ ئاينىڭ 19 ــ كۈنى
      

     





169 قېتىم كۆرۈلدى شاھى مەردانى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-18 22:21:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ