تۈن قوينىدىكى ـ سەن
ئىنسان ئەنە شۇنداق ،ھەمىشە يوقاتقاندا ئەسلەيدۇ ،يوقاتقاندا زارلىنىدۇ ،يوقاتقاندا مۇھىملىقىنى ھىس قىلىدۇ ،بىلەمسەن مۇھىم ئىدىڭ ،ھاياتىمدىكى،ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىنسان ئىدىڭ ،سەن بولغاچ رەھىمسىز ئاتالغان دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم ،سەن بولغاچ ئەنسىرشىم يوق ئىدى ،سەن بولغاچ غەمسىز ئىدىم شوخ ئىدىم ،خۇشاللىقىمنىڭ ،خۇشاللىقىمىزنىڭ مەنبەسى ئىدىڭ،تۈۋرۈكۈم ،يۆلەنچۈكۈم ئىدىڭ .ياق...قىرىنداشلىرىمنىڭ ،كۆز ياشلار ئارىسىدا تەمكىن يۈرۈپ ،يولۇڭغا تۆت كۆزى بىلەن تەلمۈرۋاتقان،كىچە كۈندۈز ئامانلىقىڭنى تىلەۋاتقان ئانامنىڭ تايانچىسى ئىدىڭ،بەختىمىزنىڭ باشچىسى ئىدىڭ . ئىسىڭدىمۇ ؟مەن تۇنجى قىتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغان ئاشۇ كۈن ،ئۇكۈنى سەن خۇددى كىچىك بالىلارغىلا ئوخشاپ قالغانىدىڭ ،خۇددى مەن ئۇچقاندىكى ھىسياتىمنى سۆزلەپ بەرسەم ،ئۆزۈڭنى ،جاپالىرىڭنى ئۇنتۇپ ،كەڭرى ئاسماندا لەيلەۋاتقاندەك ھىس قىلار بولغۇيمىتىڭ ؟شۇ چاغدا مەن ساڭا :خاتىرجەم بول كىيىن پۇل تىپىپ سىلەرنى ئۆزۈم چىقىرمەن ،جىق يەلەرگە ئاپىرمەن دىسەم،سەن چاندۇرماي تۇرۇپ :بالام بولدى سەن ئۇچساڭ مەن ئۇچقاندەك ،مىنىڭ بىشىم قايىدۇ ،دەپ بىر ئىغىز گەپ بىلەن تۈگەتكىنىڭ ،لىكىن كۆزلىرىڭ ئارزۇلىرىڭنى سۆزلەۋاتاتتى ،چىققۇڭ بار ئىدى دادا ئەمما سەن شۇ بىر ئىغىز سۆزۈمدىن قانائەتلەندىڭ ،پەخىرلەندىڭ دادا رازى بولدۇڭ ،مانا بۇ سىنىڭ چوڭ خۇشاللىقىڭ ئىدى ،ئۇ قىتىمقى ئايروپىلانغا سىنىڭ ئاچچىق تەرلىرىڭنى سۈرتۈپ ئىتىزدا ئىشلەپ ئازدىن ئازدىن يىغقان پۇللىرىڭغا ،ئانامنىڭ تىنىچ ئامان قايتىشىمنى تىلىشى، ئۆزۈمنىڭ ئالەمچە خۇشاللىقىم ۋەئۆكىنىشىم ئىچىدە چىققان ئىدىم ،سىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق راھەتلەردە مەن بىلەن بىللە ئەمەسلىكىڭلارغا ئۆكۈنەتتىم .ئىچىمدە ئۆزۈمگە:خەپ ،كىيىن جىق پۇل تىپىپ سىلەرنى چوقۇم ياخشى كۈنلەرگە ئىرىشتۈرمەن ،چوڭ شەھەرگە ئاپىرىپ ئايلاندۇرمەن دەپ .......نۇرغۇن ۋەدىلەرنى قىلغان ئىدىم، ئىسىڭدىمۇ دادا؟ قىشنىڭ ئاپتاپ چىققان كۈنلىرى ئىدى ،قۇچىقىڭغا بىشىمنى قويۇپ ،قاپىرىپ قارىداپ كەتكەن قوللىرىڭنى يۇمران ئالقىنىمدا يىنىككىنە سىلىغانلىرىم ،ئەركىلەپ تۇرۇپ :ئاق سانچىلغان چاچلىرىڭغا ۋە قورۇق ھەمراھ بولغان يۈزلىرىڭگە قاراپ جاپايىڭنى ئويلاپ ھىس قىلغىنىمنى،چاندۇرماي تۇرۇپ ياشىلىقىڭنى ئەسلىتىپ خوش قىلغىنىم ئىسىڭدىمۇ دادا؟ خاتىرجەم ئىدۇق ،چۈنكى سالامەتلىكىمىز ئەمگەك قىلىپ كۈنىمىزنى ئالغۇدەك قۇربىتىمىز بار ئىدى . توغرا تەن ئالىمەن ،بىزگە باي باياشات تۇرمۇش بىرەمىىدىڭ ،بۇ سىنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس ئىدى دادا ،تىرىشتىڭ ئۆزگىگە موھتاج قىلمىدىڭ ،بەخىتلىك كۈنلەر ئۇزۇنغا داۋاملاشمىدى ،كۆز تەگدى ،قارا قول خۇشاللىقىمىزنى كۆرەلمىدى ،سىنى مەندىن ،بىزدىن ئايرىدى ،سوغۇق قىشنىڭ جۇدۇنلۇق كىچىسدە ،ھەممە شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەن جىمجىت تۈنىدە سىنى بىزدىن تارتىۋالدى ،ھايات ئىدىڭ دادا ،بىراق قەدەملىرىڭ بىزدىن يىراقلاشقانىدى،ئاددى ھەم مىھىرلىك ئۆيىمىزدىن ئايرىلغان ئىدى،كۆزۈڭ ئارقىدا قالغانىدى ،چىدىمىغانىدىڭ،باللىرىڭغا ،تۈمەنلىگەن جاپالاردا بەرپا قىلغان ئائىلەڭگە چىدىمىغان ئىدىڭ ،لىكىن نىم ئامال بولدى ؟ دادا مەن ئۆزگىگە موھتاج بولدۇم ،خالىمايتىڭ دادا ،مەن يەنىلا موھتاج بولدۇم ،چۈنكى موھتاجلىقىم سەن ئىدىڭ سىنى كۆرۈش باغرىڭدىن ئىزلىرىمنى ئىزدەش ئۈچۈن موھتاج بولدۇم دادا ! سىنى بەك سىغىندىم ،بەك سىغىندۇق ،ئۆيىمىزنىڭ تۆرى سەن ئۈچۈن ،كىلىشىڭ ئۈچۈن ھەرۋاقىت بوش تۇرىدۇ_ دادا تۈن قوينىدا ئامان بولغىن !!!



63 قېتىم كۆرۈلدى ئانارگۈل ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-14 9:46:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ