يار قېشىمغا كەلگۈدەك
( ناخشا تېكىستى)
ھەسەنجان تىلۋالدى شېئىرى
بىشىم كۆككە يەتكۈدەك،
ھەسرەت دىلدىن كەتكۈدەك،
تەڭ قىلمايمەن ھېچكىمگە،
يار قېشىمغا كەلگۈدەك .
قاشىنى قەلەم قىلىپ،
يۈرەككە ئوتنى سېلىپ،
كۆڭلىنى ماڭا ئىلىپ،
يار قېشىمغا كەلگۈدەك .
گۈل ئىلىپ باراي دەيمەن،
تەلمۈرۈپ قاراي دەيمەن،
قوشۇلسا ئالاي دەيمەن،
يار قېشىمغا كەلگۈدەك .
ئايدىڭ ئايدىڭ ئاخشامدا،
كۈيلەپ ئۆتەي ناخشامدا،
ئەجەپ ياخشى بىرچاغدا،
يار قېشىمغا كەلگۈدەك.
ئاينى توسقان تۇمان يوق،
كۆزلىرىمدە ھېجران يوق،
ئەمدى مەندە ئارمان يوق،
يار قېشىمغا كەلگۈدەك .
سۆيگەن گۈلۈم ئەل بولدى،
كۆڭۈل ئىشى ھەل بولدى،
توققۇزۇممۇ تەل بولدى،
يار قېشىمغا كەلگۈدەك.
يار قېشىمغا كەلگۈدەك ،
ماڭا كۆڭۈل بەرگۈدەك.
مېھرى ئىللىق شۇ يارنى ،
سېغىندىم مەن ئۆلگۈدەك .
ئۈندىدار : 1977084646
| 133 قېتىم كۆرۈلدى | ھەسەنجان تىلىۋالدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-1-7 2:56:24 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|