باھار كەلدى يار كەلمىدى (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

 باھار كەلدى يار كەلمىدى

مەمەتجان سەمەت


باھار كەتكەن ئىدى بۇلتۇر،
كەتكەن بىلەن كەلدى يەنە.
قۇشلار سايراپ ئولتۇرۇپتۇ،
جۈپتى بىلەن شاختە ئەنە.

مېنىڭ سۆيگەن گۈزەل يارىم،
تاشلاپ كەتكەن بۇلتۇر كۈزدە.
شۇندىن بېرى قالدىم يالغۇز،
يارىمنى مەن ئويلاپ كۈندە.

باھار كەلدى يار كەلمىدى،
ئولتۇرىمەن ساقلاپ يەنە.
يار يۈرىيدۇ غەمسىز ئويناپ،
يۈرسەممۇ مەن دەرتلىرىدە.

تولا ئويلاپ خىيال قىلىپ،
توۋا دەيمەن ئۆز ئۆزۈمگە.
شۇ ۋاپاسىز كۆڭلى قارا،
بىر قىزنىمەن سۆيگۈنۈمگە.

ئاپتۇرى . مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار. چ چ . 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
     





290 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-13 18:09:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ