چوغ بارمۇ (باللادا) - تۇرسۇن ھۈسەيىن

 چوغ بارمۇ؟
(باللادا)

تاق،تاق،تاق...
ئۆيدە ئادەم بارمۇ؟
ئىشىكنى چەككەن كىم؟
مەن...مەن بوۋا...!
«مەن» دېگەن كىم؟
مەن-بىر بالا...
يولدىن ئۆتۈۋاتقان غىرىپ بىر بالا...
سىز تونۇمايسىز،ئەمما...
تونۇشىدۇ يۈرەكلىرىمىز،
چۈنكى، بىز ئۇيغۇر...!
نېمە ئىشىڭ بار بالام؟
مەن بەك توڭلاپ كەتتىم،
كىيىمىم-يىلىڭ!
پۇتۇمدا ئايىغىممۇ يوق،مېنىڭ.
بېشىمدا تەلپىگىممۇ يوق،مېنىڭ.
قاراڭ بوۋا...!
سوغۇقتا بەك توڭلاپ كەتتىم،
چوغ بارمۇ؟
بولسا،بىر تال بەرسىڭىز،
ئىسسىنېۋالاي،
ئەسلىمگە كېلىۋالاي،
*    *    *    *
بالام...
نەچچە ياشقا كىردىڭ؟
ئون ياشقا...
ئۆيۈڭ يوقمۇ؟
يوق...!
ئاتا-ئاناڭچۇ،بالام؟
ئۇلارمۇ؟ ئۇلار.... !
خىلى بۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەن،
ئۇلار ساڭا قارىمامدۇ؟
نېمە دەيدىغانسىز بوۋا...
دادام بولسا خوتۇن غېمىدە،
ئانام بولسا ئەرنىڭ غېمىدە..
ئۇلار كۈنى شۇنداق ئالدىراش...!
مەن بولسام مۇشۇ سوغۇقتا،
چوغنىڭ غېمىدە،
كۈنلىرىم -قاتىراش...!
چوغ بارمۇ؟
*    *    *    *
ۋاي بىچارە...
ئۆيگە كىر بالام،
ئوچاقتا ئوت بار،
ئىسسىنىۋال،بەدىنىڭدىن سوغۇق كەتكىچە...!
چوغ مېھرىگە راسا قېنىۋال...!
رەھمەت بوۋا!
ئۆيگە كىرسەم ئولتۇرۇپ قالىمەن،
ۋاقتىم قىس،
ساسلىق بويىدا ئوماق دوستلىرىم،
تۆت كۆزى بىلەن مېنى ساقلاۋاتىدۇ...!
سوغۇق دەستىدىن،
ئۇلارنىڭمۇ پۇت-قوللىرى ئۈششۈپ قالمىسۇن...!
چوغدىن بىر تال بەرسىڭىز،
ئالقىنىمغا ئېلىۋالاي،
يۈرىگىمگە سېلىۋالاي،
يولدا ماڭغاچ،
ئەشۇ چوغنىڭ ھارارىتىگە قېنىۋالاي.
نېمە دېگەن ۋاپادار،
نېمە دېگەن قەيسەر بالا بۇ...!؟
توختاپ تۇرغىن،
چوغ ئېلىپ چىقاي...!
ئېچىۋالغىن ئاڭغىچە،
بىر پىيالە ئىسسىق چاي...؟!
بولدى بوۋا...
ئۆزلىرىنى كۆرۈپ،
ۋىللىدە ئىسسىپ قالغاندەك بولدۇم.
ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇراي،
قارا بالام،چوغ!
پا ، پا ، پا....
نېمە دېگەن قىززىق چوغ بۇ...!؟
مە بالام...!
بىر يىرىڭنى كۆيدۈرىۋالما...
رەھمەت بوۋا...!
بەرگەن چوغلىرىغا،
چوغ ئەمەسكەن،ئوتقاش بىر يۈرەك،
نېمە دېگەن ئوتلۇق بۇ يۈرەك؟
ئىسسىپ قالدىم ھارارىتىدىن،
بەدەنلىرىم ئىللىدى مانا،
ساسلىق بويىغا ماڭدىم ئالدىراپ.
ھەي دوستلۇرۇم ،كېلىڭلار بۇياق،
مەندە چوغ بار،
ئەمدى توڭلاپ قالمايمىز،
چوغ ئەمەس،
يۈرىكىنى بەردى بىر بوۋام،
قاراڭلار مانا...!
كېلىڭلار...!
تەڭ ئىسسىنايلى،
چوغ يىنىدا ھەم سىردىشايلى...!
بىر قامەتلىك،باغرى ھەم ئىللىق،
بىر قار بوۋاي ياساپ چىقايلى...!
قاراڭلار...
ساسلىقتىكى ئەينەكتەك مۇزغا،
مۇز ئۈستىدە،
چوغنى ئايلىنىپ،
كانكى تىيىلىپ ئوينايلى...!
*   *   *   *  
ھوي بالىلار،مەنمۇ بىر بالا..
كېلىڭلار...
چوغ سورىماڭلار،
مەندە چوغ بار،
شۇ مېھىردىن ھوزۇر ئالايلى...!
چىن بەختنىڭ پەيزىن سۈرەيلى...!
*    *    *    *
ئەي ئۆردەكلەر،
سوغۇقتا سىلەر توڭلىمامسىلەر؟
بىزگە ئېيتىڭلارچۇ؟
يۈرىگىڭلاردا مەڭگۈلۈك ئۆچمەس،
بىزنىڭكىدەك يالقۇنلۇق،
ھارارەتلىك چوغ بارمۇ؟


ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
13639905412
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى  ئۈرۈمچى





70 قېتىم كۆرۈلدى تۇرسۇن ھۈسەيىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-20 21:26:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ