سېغىنىش - ھەنىپە ھامۇت

 سېغىنىش
         
 ھەنىپە ھامۇت

سېغىندىم يەنە ئەي، لۈكچىكىم سېنى،
قاغجىراپ تۇرىۋاتقان قەلبىمدىن چەكسىز.
لۈكچەكسىزھاياتتا لۈكچەكسىرەيمەن،
بىر دانەم ئىكەنسەن،بىر دانەم شەكسىز.

ئارىمىزنى ئايرىپ ياتقىنى،
گۈزەل بىر سېغىنىش،رېئاللىق ئەمەس.
ئۆتكىنى بىر كۈندۈر ياكى بىر ئەسىر،
ۋاقىتنىڭ ئىسپاتى بۇندا كېرەكمەس.

چىرايىم گۈل يۈزلۈك قىزچىقىڭ ئەمەس،
سەنمۇ ھەم تۇرمۇشتا سۆيۈملۈك قاقباش.
بىراق،ۋاقىتتىن ھالقىغىنىمىز راست،
مۇڭداشلىقىمىز شۇ پېتى ياپياش.
     





88 قېتىم كۆرۈلدى ھەنىپە ھامۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-27 21:42:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ