مەن ئ‍ۆزۈم بۇ يۇرتنىڭ شۇنداق بالىسى - ھەبىبۇللا نوھ

مەن ئ‍ۆزۈم بۇ يۇرتنىڭ شۇنداق بالىسى

 

ھەبىبۇللا نوھ

 

 مەن ئ‍ۆزۈم بۇ يۇرتنىڭ شۇنداق بالىسى،

 قېنىمدا راسچىللىق، دىلىمدا ۋىجدان.

 بىشىمنى كۆتۈرۈپ تىكلا ياشايمەن،

 ھەقنى دەپ ئ‍ىلىشىپ بولساممۇ نىمجان.

 

 مەن ئ‍ۆزۈم بۇ يۇرتنىڭ شۇنداق بالىسى،

شۇملۇققا ، قۇۋلۇققا بەرمەيمەن ئ‍ىمكان.

"ئ‍ادەمگە ئ‍ادەممەن، توڭىغا توڭمەن"،

 جەمەتنىڭ قېنى بار "داڭزا " لار تۇققان.

 

مەن ئ‍ۆزۈم بۇ يۇرتنىڭ شۇنداق بالىسى،

 قەلبىمدە بۇ يۇرتقا مۇھاببىتىم بار.

 ھەقىيقەت ئ‍ىگىلىپ سۇنمىغىنىدەك،

 "تىۋىلغا" روھى بار، جىسمىمدا كۈچ بار.

 

 مەن ئ‍ۆزۈم بۇ يۇرتنىڭ شۇنداق بالىسى،

ھەقنى ھەق ،قارىنى قارا دەيدىغان.

 ئ‍ىگىلىپ، پۈكلۈنۈپ ياشىماق نۇمۇس،

بولغۇم يوق "تاۋۈز" دەك يۇمۇلايدىغان.

 

 مەن ئ‍ۆزۈم بۇ يۇرتنىڭ شۇنداق بالىسى،

ئ‍اددىيلا قارىشىم :ئ‍ەل بىلەن ئ‍وخشاش.

 كادىرغا، ھاجىمغا بىقىنىشىم يوق،

ناھەققە قىقىلغان "قوزۇق"قا ئ‍وخشاش.

 

مەن ئ‍ۆزۈم بۇ يۇرتنىڭ شۇنداق بالىسى،

روھىمدا جاسارەت كۈچ قۇۋۋىتىم بار.

ئ‍ەزرائىل كەلگۈچە شۇنداق ياشايمەن،

قوقمايمەن قوقاققا تەڭ تۇرمىقىم بار.





263 قېتىم كۆرۈلدى asrar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-8 21:05:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ