ئۇيغۇرۇم

ئۇيغۇرۇم

 

پاتىمە روزىمۇھەممەت «سابا »

 

كەلسە دەرتلەر بېشىڭغا باش ئەگمىگەن ئۇيغۇرۇم ،

 ئادالەتسىز ئىشلاردا ھەقنى ياقىلار ئۇيغۇرۇم .

 قۇرۇپ كەتكەن بوستانغا سۇنى باشلار ئىرىنمەي ،

شۇ چۆل بولغان ئېتىزنى بوستان قىلغان ئۇيغۇرۇم .

 

 چىڭقى چۈشتە ئاپتاپتا كەتمەن چاپار ئۇيغۇرۇم ،

ئىشلەپ يەيدۇ، ھارامغا يول بەرمىگەن ئۇيغۇرۇم ،

 قەلبى گويا بىر ئېتىز ياخشىلىقتىن ئورۇق چاچ ،

 شۇ ئۇرۇققا جاۋابەن كۆكلەم بەرگەن ئۇيغۇرۇم .

 

 مەرىپەتكە يول ئاچقان ساخاۋەتلىك ئۇيغۇرۇم ،

 ئىنساپ بىلەن ياشىغان كىتاپخۇمار ئۇيغۇرۇم .

ئۆز يولۇڭنى تاپالماي قالساڭ ئەگەر دالىدا ،

 توغرا يولنى كۆرسەتكەن قەلبى ئاتەش ئۇيغۇرۇم .

 

ياخشى نامىڭ تارقالغان شىنجاڭلىق دەپ جاھانغا ،

ئۆز قەۋمىنى قوغدىغان جاسارەتلىك ئۇيغۇرۇم .

شۇ ياخشىلار ئىچىدە يامانلارمۇ ھەم مەۋجۇت ،

 ئۆز ئەسلىڭنى ئۇنۇتما ئازغۇن بولغان ئۇيغۇرۇم .

 

ئەسلى ئۇيغۇر ئاقكۆڭۈل كىشىگە قىلماس يامانلىق ،

 ئەدەپ ئەخلاق بابىدا نۇرلۇق چاقنار ئۇيغۇرۇم .

ئەتلەس بىلەن كانىۋار ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى ،

 شۇ دوپپىنى تاشلىما باشتاق يۈرگەن ئۇيغۇرۇم .

 





378 قېتىم كۆرۈلدى پاتىمە رۇزىمۇھەممەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-21 16:09:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-20 16:20:21 خالىد
بەك ياخشى چىقىپتۇ دەت بەمىسۇن
2016-3-14 12:05:53 ئابدۇللا
يارايسىز ھەدە،كۆپلەپ يېزىڭ?ئۇيغۇر ئۈچۈن يازغانلىرىڭىز ئاز تېخى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ