يالغۇزلۇق

يالغۇزلۇق
(سەۋدا)

فىتنىلەردىن نېرى تۇردۇم يالغۇز قېلىپ،
خىياللاردىن ھۇزۇر ئالدىم يالغۇز قېلىپ.
كىتاپلارنى ۋاراقلىدىم ۋاقتىم چىقىپ،
تاپالمىغان پۇرسەت دۇنيانىڭ غېمى بېسىپ.
بۈگۈن باشقىچە تاتلىق بېلىنىدى يالغۇزلۇق.

ساختا كۈلمۈدۈم بىراۋغا موھتاج بولۇپ،
يىغلىدىم قاپتىكەن يۈرۈگۈم دەرتكە تولۇپ.
ساختىلىق تونىنى سالدىم تەنلىرىم يارىدار بولۇپ،
يارامنى ئەملىدىم قايتىدىن تۇرماق بولۇپ.
ئارام ئالارغا پۇرسەت بولدى يالغۇزلۇق.

دوستلۇرۇمنى تونۇدۇم كەلگەندە ئەلەم بېسىپ.
يارەنلەرنى ئايرىدىم پۇت-قولغا كىشەن چۈشۈپ.
ياندىكى ئەسقاتمىدى كەلگەندە دەرتلەر بېسىپ،
رىزقىڭنى تالىشاركەن قاۋانلار ياندىن كېلىپ.
ساختا دوستلاردىن ئەۋزەل ئىكەن ئەسلى يالغۇزلۇق.



     





118 قېتىم كۆرۈلدى sawda0903 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-2 0:01:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-3 18:22:43 رازىيە
بەك ياخشى يېزىپتۇ   
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ